شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2019) 2673-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار ئابXX، ئەر ، ئۇيغۇر ، 35ياش ، كىملىك نومۇرى : XX 652901،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، دېھقان، يۇرتى ئاقسۇ شەھىرى ، ئاقسۇ شەھەر X يېزا X-كەنىت X-گورۇپ 9-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق ،ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى7-ئاينىڭ 17-كۈنى(2019) 985-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
2019-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ،جاۋاپكار ئاXX ئاقسۇ شەھەر X يېزا بازىرىدا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن توختىتىپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى پىراۋىسىز ھەيدەپ سائەت 22:00ئەتراپىدا 400مىتىردەك ماڭغاندىن كېيىن بىر ماشىنىغا ئۈسىۋالغان،شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار كېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ھاراق ئىچىپ موتوسىكىلىت ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە ھەر 100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتارى 234.43مىللىگىرام بۇلۇپ مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى،ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئاXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك،ئۇنىڭ قىلمىشى يەنە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى »نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن،جاۋاپكار ئاXXگە 5ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش،قوشۇمچە 12000يۈەن شىتراف قويۇش جازاسى بېرىشكە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا تەكلىپ بېرىپ ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق .
تەپتىش : ئاXX
مۇۋەققەت تەپتىش :جXX
2019-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى
ئىزاھات :
‹1جاۋابكار ئاXXكېپىلگە بېرىلگەن ،ھازىر ئائىلىسىدە ،تېلفۇن نۇمۇرى :XX 191
2› 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە ،جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تېلخېتى،بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论