كەلپىن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك،ت1-بۈلۈم،ج،ئە(2020)34-نۇمۇرلۇق
جاۋابكار ئا**، ئەر، ئويغۇر، 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 2- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:****65292919740402، ئالىي تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ** ناھىيە ** بازىرى ** يولى ** ئولتۇراق رايۇنى **- بىنا **- ئىشىك **- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020- يىلى 5- ئاينىڭ 21- كۈنى كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.
كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ئا**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالا قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلىدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار ئا** 2020- يىلى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 15 لەر ئەتراپىدا، دوستلىرى ئە**، ي**لار بىلەن بىللە ** بازىرى ** كەنتىنىڭ بېدىلىك دىگەن يىرىدە بىر بوتۇلكا ‹بەيلىياڭيې› ماركىلىق ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، سائەت 18 لەر ئەتراپىدا سورۇندىن تارقاپ، پىراۋىسىز ئۆزىنىڭ ** نۇمۇرلۇق قىزىل رەڭلىك خوندا ماركىلىق ئايالچە موتوسىكىلىتىنى ھەيدەپ، ** كەنت **- مەھەللىدىكى ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، سائەت 22 لەردىن ئاشقاندا دوستلىرى ئە**، ت**لار بىلەن يەنە بىر قېتىم سورۇن تۈزۈپ بىر بوتۇلكا ‹بەيلىياڭيې› ماركىلىق ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، سائەت 23:40 لار ئەتراپىدا سورۇندىن تارقاپ ئۆزىنىڭ قىزىل رەڭلىك خوندا ماركىلىق موتوسىكىلىتىنى ھەيدەپ، ** بازىرى ** كەنت **- مەھەللىدىكى ئۆيىدىن كەلپىن بازىرىغا قاراپ مېڭىپ ** كەنت كومتىتى ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ جايدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن ھاراق ئىچىپ موتوسىكىلىت ھەيدىگەنلىكى بايقىلىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ باھالاشقا ھاۋالە قىلغاندا، ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇغىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 220.60 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:
1. يازما ئىسپات 2. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 3. باھالاشنامە 4.جىنايى ئىشلار فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنى ئېلىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى ئىسپاتلايدۇ.جاۋابكار ئا**نىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز، جاۋابكار ئا**نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە موتوسىكىلىت ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق ۋە راست، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسىدىكى شەرتنى ھازىرلىغان، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، جاۋابكارغا 4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 8 مىڭ يۇەن جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بىرىش كېرەك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
كەلپىن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش:مەۋلان ئۇبۇل
2020-يىلى11-ئاينىڭ 15-كۈنى
1. قۇشۇمچە 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن 1 توپلام رازۋېتكا دىلوسى بىرگە يوللاندى
جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论