شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش (2020) 64-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
1.جاۋابكار ئاXX، ئەر، ئۇيغۇر، 28 ياش، سالاھيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ نومۇرى :6531261992XXXX ، يۇرتى: شىنجاڭ قاغىلىق ناھىيسى، نۇپۇستىكى ئادىرىسى : شىنجاڭ قاغىلىق ناھىيسى XX كەنىت X- كەنىت X- گۇرۇپ X- نۇمۇر . توختۇتۇپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر X يولى X ئولتۇراق رايونى X-بىنا X-كۇرپۇس X-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئالى تېخنىكوم مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئىشچى ، ئىلگىرى جازالانمىغان . 2019- يىل 12- ئاينىڭ 31- كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 2020- يىل 3- ئاينىڭ 21- كۈنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان .
2.جاۋابكار ئەXX، ئەر، ئۇيغۇر، 28 ياش، سالاھيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ نومۇرى 29011992XX65 يۇرتى: شىنجاڭ قاغىلىق ناھىيسى، توختۇتۇپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر ئولتۇرۇشلۇق، ئالى تېخنىكوم مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئىشچى ، ئىلگىرى جازالانمىغان . 2019- يىل 12- ئاينىڭ 31- كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 2020- يىل 3- ئاينىڭ 21- كۈنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى (2020) 571-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى، ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئاXX، ئەXX قاتارلىقلار 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كيىن سائەت 18:00 ئەتراپىدا ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنغان دXXبىلەن بىللە ئاقسۇ شەھەر XX بازار X-كەنىت كەنىت ئىشخانىسىنىڭ تور يۇلىنى يۆتكەش ۋە قايتا ئورنۇتۇش قۇرلۇشىنى كۈرۈپ بۇلۇپ، X ساقچىخانىسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى جۇڭگو پوچتا تىلگىراف تىز يوللانما پونكىتىغا بېرىپ، پوچتا تىلگىراف تىز يوللانما پونكىتىغا ئورناتقان تورنىڭ قالدۇق ئىشىنى قىلغاچ، پوچتا تىلگىراف ئىشخانىسىنىڭ قىيپاش ئۇتتۇردىكى جۇڭگو تىلگىراف شىركىتىنىڭ تىلگىراف تورسىمى تاتقان تۈۋرۈكىگە، كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ نۇر كابىلىنى تور سىمىنى مۇقۇملاشتۇرۇپ ئورنىتىش ئۈچۈن، تىلگىراف تور سىمىنى كىسىپ ئېلىپ كىتىپ ئەسكى-تۈسكى يىغىدىغانلارغا 1800 يۈەنگە سېتىۋەتكەن.
جاۋابكار ئاXX، ئەXX قاتارلىقلار 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچ سائەت 19:00 ئەتراپىدا ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنغان دXX يەنە كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىدە بىللە ئىشلەيدىغان ئاXX ۋە لىXXبو قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئاقسۇ شەھەر X بازىرغا بېرىپ، Xبازار ئىچىدىكى تۆت دوخمۇشتىكى تىلگىراف تور سىمى ئورنىتىلغان تۈۋرۈككە چىقىپ، بىرىنجى قېتىم كىسىپ تۈۋرۈكتە قالغان تىلگىراف تور سىمىنى كىسىپ ماشىنغا بېسىۋاتقاندا جۇڭگو تىلگىراف شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغان .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار ئاXX، ئەXX قاتارلىقلارنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق. جاۋابكار ئاXX، جاۋابكار ئەXX مەھكىمىمىزدە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى، بۇ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن . جاۋابكار ئاXX، ئەXX قاتارلىقلارنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن «جۇڭگۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » 264-ماددا، 25-ماددا، 67-ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك. شۇڭا جاۋابكار ئاXX، ئەXXلارنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ھۈسەنجان موللىمىن
مۇۋەققەت تەپتىش : ئابدۇسالام تۇرسۇن
2020يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋابكار ئاXX, ئەXXئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .
2 . 13 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论