كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
(2020) ك ش ت ج ئەيىبلەش 880-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ئاXX،ئايال،****-يىلى *-ئاينىڭ*-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 16726******652801، ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،مۇقىم كەسپى يوق ،نۇپۇسى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى :كورلا شەھەر****** كەنىت 2-گۇرۇپ 45-نۇمۇر،2019-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن كورلا شەھەر ج خ ئىدارىسى تەرىىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئاXXنىڭ ئوغۇرلۇق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 10- ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 13- كۇنى جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلىش تەرتىۋىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلۇ ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، دىلۇ پاكىتىنى ئېنىقلىدۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە:
1) 2019 -يىلى 08-ئاينىڭ 6-كۈنى 16:00ئەتراپىدا،جاۋاپكار ئاXXزىيانلانغۇچى رXXدىن 1000يۇەن پۇل قەرىز سورىغان،زىيانلانغۇچى رXX ئۆزىنىڭ خىزمەتكە ئالدىرايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بانكا كارتىسىنى جاۋاپكار ئاXXكە بىرىپ پۇلنى ئوزى ئېلىۋىلىشنى ،ھەمدە ئوزىگىمۇ 100 يۇەن ئالغاچ كىلىشنى دەپ كارتىنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى دەپ بەرگەن ،جاۋاپكار ئاXX كورلا شەھەر ***** پۇل چىقىرىش ئاپراتىغا كېلىپ،كارتىنى تەكشۇرگەندىن كىيىن كارتىدىن 1100 يۇەن پۇل چىقارغان ،جاۋاپكار ئاXX زىيانلانغۇچى رXXنىڭ بانكا كارتىسىدا يەنە پۇل بارلىقىنى بىلىپ يەنە ئارتۇق 1000 يۇەن چىقىرىۋالغاندىن كىيىن بانكا كارتىسىنى جاۋاپكار ئاXX زىيانلانغۇچى رXXغا قايتۇرۇپ بەرگەن . ئۇغۇرلىغان پۇلنى ئائىلىگە تۇرمۇش بۇيۇملىرى سېتىۋىلىشقا ،ئۆزىگە دورا سېتىۋىلىشقا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن .
-2قىتىم:2019-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە ، زىيانلانغۇچى رXX جاۋاپكار ئاXXنىڭ كورلا شەھەر ****** 1-گۇرۇپ 21-نۇمۇرلۇق ئۆيىگە ياردەملىشىپ ساڭزا سالغىلى كەلگەن ۋاقىتتا ، زىيانلانغۇچى رXXنىڭ توكسىكلىتىنڭ ئورۇندۇقى ئاستىغا سېلىپ قويغان بانكا كارتىسنى ئۇغۇرلاپ ئېلىپ، 2019-يىلى 08-ئاينىڭ 10-كۈنى 00:13دە، كورلا شەھەر *****جۇڭگو بانكىسى ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ئورنىدىن ئىككى قىتىمغا بۆلۈپ 2000 يۇەن نەق پۇل ئوغۇرلىۋالغان .ئوغۇرلىغان پۇلنى ئائىلىگە تۇرمۇش لازىمەتلىكى سېتىۋىلىشقا ئشلىتىپ تۈگەتكەن.
-3قېتىم:2019-يىلى 08-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 23:50دە،جاۋاپكار ئاXX كورلا شەھەر ***** يېنىدىكى جۇڭگو بانكىسىنىڭ ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ئورنىغا كىلىپ ، زىيانلانغۇچى ر****نىڭ بانكا كارتىسىدىن 300يۇەن نەق پۇل ئۇغۇرلىۋالغان ،بانكا كارتىسىنى ئەتىسى زىيانلانغۇچى رXX ئۇزىنىڭ ئۆيىدە مىھمان بۇلۇپ ئولتۇرغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ،زىيانلانغۇچىنىڭ توكسىكىلتىنىڭ ئۇرۇندۇقى ئاستىغا قۇيۇپ قۇيغان.ئۇغۇرلىغان 300يۇەن نەق پۇلنى ئائىلىگە تۇرمۇش بۇيۇملىرى سېتىۋىلىپ تۈگەتكەن.
-4قېتىم:2019-يىلى 08-ئاينىڭ 17-كۈنى،جاۋاپكار ئاXX، زىيانلانغۇچى رXX ئۇزىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ۋاقىتتا ، زىيانلانغۇچى رXXنىڭ توكسىكىلىتنىڭ ئۇرۇندۇقى ئاستىغا قۇيۇپ قۇيغان بانكا كارتىسىنى ئۇغۇرلىۋىلىپ، 2019-يىلى 08-ئاينىڭ 21-كۈنى 13:50دە، كورلا شەھەر *****يەر ئاستى سودا بازىرىنىڭ يېنىدىكى كورلا بانكىسىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل چىقىرىش ئاپىراتىدىن 1800يۇەن نەق پۇل ئۇغۇرلىۋالغان، بانكا كارتىسىنى زىيانلانغۇچى XXنىڭ توكسىكىلتىنىڭ ئۇرۇندۇقى ئاستىغا قۇيۇپ قۇيغان.ئۇغۇرلىغان 1800يۇەن نەق پۇلنى ئائىلىگە تۇرمۇش بۇيۇملىرى سېتىۋىلىپ تۈگەتكەن.
-5قېتىم:2019-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى جاۋاپكار ئاXXزىيانلانغۇچى رXX ئويىگە مىھماندارچىلققا كەلگەن ۋاقىتتا ، زىيانلانغۇچى رXXنىڭ توكسىكىلتىنىڭ ئورۇندۇقى ئاستىدىكى بانكا كارتىسىنى ئۇغۇرلىۋىلىپ، 2019- يىلى10 –ئاينىڭ 23-كۈنى 19:00ئەتراپىدا، كورلا شەھەر****يېنىدىكى جۇڭگو بانكىسىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ئورنىغا كېلىپ ئوغۇرلىۋالغان بانكا كارتىسىدىن 1800يۇەن نەق پۇل ئوغۇرلىۋالغان،ئارقىدىن كورلا شەھەر *****كېلىپ ماي قاچىلاش پونكىتى قارشى تەرىپىدىكى***** تاللا بازىرىغا كېلىپ ، رXXنىڭ بانكا كارتىسى ئىچىدىكى 46 يۇەنگە نەرسە –كېرەك سېتىۋالغان.ئۇغۇرلىغان 1846يۇەننى ماشىنسىنىڭ قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشىنىڭ جەرىمانىسىنى تۆلەپ ،ئائىلىگە تۇرمۇش بۇيۇملىرى سېتىۋىلىپ تۈگەتكەن.دىلونىڭ قىممىتى6946 يۇەن . زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن .
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپات ،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ، ،گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىقى، نەق مەيدان تۇنۇتۇش خاتىرسى ، سورىتى ،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋاپكار ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىزمۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار ئاXX قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە، يوشۇرۇن ۋاستىلەرنى قوللۇنۇپ، باشقىلارنىڭ 6946 يۇئەن قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنى ئوغۇرلىغان ،سوممىسى بىر قەدەر كۆپ ، قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ264-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل - ئىسپاتى تۇلۇق ئوغۇرلۇق جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىغىنى سۇرۇشتۇرۇش كېرەك. جاۋاپكار ئاXX جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئېتىراپ قىلغان بۇلۇپ ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»15- ماددىسىنىڭ بەلگۈلىمىسى بۇيىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا بۇلىدۇ .
شۇڭا‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكار ئاXXنى مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق ،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن:
كورلا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئاXX
- 2020 يىلى 10-ئاينىڭ 19- كۇنى
قۇشۇمچە :
(1) ئەيىپلەشنامە 10 نۇسقا بىرگە يوللاندى .
(2) جاۋاپكار ئاXX بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن .
(3) تەھقىقلەش ئارخىۋى 2 توپلام بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论