欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

阿某某涉嫌非法狩猎案起诉书

2021-09-24 尘埃 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت،1-بۈلۈم ج،ئە، (2020) 179 –نۇمۇرلۇق

ئاۋا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋاپكارئاX،ئەر، ئۇيغۇر،19XX-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، 75ياش، كىملىك نۇمۇرى: 65292819XXXXXXXXXX،نوپۇستىكى ئادىرسى: شىنجاڭ ئاۋات ناھىيە X بازار X كەنىت X-گۇرۇپ X-نۇمۇر، ساۋاتسىز، ماسسا، دېھقان،ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى1-ئاينىڭ 12-كۈنى قانۇنسىز ئوۋ ئوۋلاش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ئاXنىڭ قانۇنسىز ئوۋ ئوۋلاش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى3-ئاينىڭ30-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان،مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ۋە جاۋاپكارغا جىنايىتىنى تونۇسا جازا بېرىلىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى،جاۋاپكار جىنايىتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتىگە ئۆز رازىلىقى بىلەن ئىمزا قويدى،جاۋابكار ئۆلچەنگەن جازاغا ۋەبۇدىلونى ئاددى تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى،ھازىربۇدىلونى تەكشۈرۈشئاخىرلاشتى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋاپكار ئاX ئوۋچىلىققا ئائىت قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ،ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنغان رايۇندا،ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنغان مەزگىلدە، يەنى 2019-يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدىن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ بېشىغىچە ئاۋات ناھىيىسى X بازىرى X كەنتى X-گۇرۇپتىكى ئۆزىنىڭ ئېتىزلىقىدا ئۆزى قوراشتۇرۇپ ياسىغان 17دانە قاپقاندىن پايدىلىنىپ 21 دانە قىرغاۋۇل، 11 دانە توشقان ئوۋلاپ، بوغۇزلاپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، بۇنىڭدىن 2 دانە قىرغاۋۇل بىلەن 3 دانە توشقاننى ئۆيىدە ئىستىمال قىلغان، قوشنىسى ئاXغا بىر دانە قىرغاۋۇلنى 40 يۈەنگە، 2 دانە توشقاننى 60 يۈەنگە سېتىپ بەرگەن، بىر دانە توشقان بىلەن بىر دانە قىرغاۋۇلنى كېلىنى زXغا بېرىۋەتكەن، قالغان 17 دانە قىرغاۋۇل بىلەن 5 دانە توشقاننى ئۆزىنىڭ ئاۋات ناھىيىسى X بازىرى X كەنتى 3-گۇرۇپتىكى ئۆزىنىڭ چېقىۋىتىلگەن كونا ئۆيىنىڭ ھويلىسىدىكى ئۈرۈك دەرىخىگە ئېسىپ قويۇپ ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان . دېلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋاپكارئاX قانۇنسىز ئوۋلىغان 5دانە توشقان بىلەن 17دانە قىرغاۋۇل تۇتۇپ قېلىنىپ ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغان.

شىنجاڭ چېنگۈەندا يېزا-ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئورمان ج خ ئىدارىسى ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزى، 22تال ياۋايى ھايۋاننىڭ تۈرىنى، قىرغاۋۇل بىلەن توشقان ؛ قوغدىلىش دەرىجىسى «ئۈچكە ئىگە »قۇرۇقلۇق ياۋايى ھايۋىنى؛ قىممىتى 5500يۈەن دەپ باھالاپ بېكىتكەن.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:

1،يازما ئسىپات 2، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى 3، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 4،باھالاش پىكرى 5،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،خەرىتىسى،فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ،جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز،جاۋاپكارئاXنىڭ ئوۋچىلىققا ئائىت قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ قانۇنسىز ئوۋ ئوۋلىغان قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»341-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ ،جاۋاپكارنىڭ قىلمىشىدىن قانۇنسىز ئوۋ ئوۋلاش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئسىپاتى تۇلۇق، جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، جاۋاپكارجىنايتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بولىدۇ، جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق ،17-ماددا 1-مەزمۇن، 72-ماددا بەلگىلىمىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاپ جازا بېرىش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

تەپتىش: خانئايىم يۈسەن

2020-يىلى4-ئاينىڭ23-كۈنى

قۇشۇمچە: 1.8پارچە ئەيىبنامە بىلەن بىر توپلام رازۋېتكا دىلو ماتىريالى،ئۈچ تال ئوپتىك دىسكا بىرگە يوللاندى. 2. جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top