欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

阿某某涉嫌诈骗案起诉书_阿瓦提县人民检察院

2021-09-21 尘埃 评论0

阿瓦提县人民检察院

起 诉 书

阿瓦提县检一部刑诉〔2020〕121号

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت 1-بۇلۇم ج،ئە(2020)   -نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار ئاX ، ئەر، ئۇيغۇر ،19XX-يىلى X-ئاينىڭ X-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى :65292819XXXXXXXXXX، يۇرتى ئاۋات ناھىيە،قامىلىشىتىن ئىلگىركى ئولتۇرغى:X يېزا X كەنىت X-گۇرۇپ X-نۇمۇر.تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىىسى تەرىپىدىن ئالچامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۇنى جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ تەستىقىلىشى بىلەن قۇلغا ئېلىنغان،ھازىر ئاۋات ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

  ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئاXنىڭ ئالدامچىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىل 1-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بۇيىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ دىلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە بىرقېتىم قايتۇردى،ج خ ئىدارىسى دىلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەپ قايتا يۇللىغاندىن كىيىن ، دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ بۇ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

 <1> 2019-يىلى3-ئاينىڭ 6-كۇنى قX 3-مەيدان XX شىركتنىڭ ئالدىدا ھاراق ئىچىپ موتوسكىلىت ھەيدەپ قاتناش ساقچلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قالغان، قX ئۆزىنىڭ قانۇن ئورۇنلىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ بۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسرەپ پۇل ئارقىلىق بۇ ئىشىنى ھەل قىلىشنى ئۇيلاپ ئادەم ئىزدەپ، باشقىلاردىن ئاXنىڭ بۇ ئىشىنى ھەل قىلالايدىغانلىغىنى ئاڭلاپ 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاXگە تېلفۇن قىلىپ كۇرۇشۇپ ئۇزىنىڭ قاتناش ساقچلىرىغا تۇتۇلۇپ قالغانلىغىنى، بۇ ئىشنى ھەل قىلىپ بىرىشنى دىگەندە ئاX مەن مۇناسۋەتلىك ئادەملەر بىلەن كۆرۇشۈپ باقاي، چۇقۇم ھەل بۇلدۇ دېيەلمەيمەن، ھەل بۇلۇپ قالسا 10مىڭ يۈەن پۇل كېتىدۇ، ھەل بولمسا پۇلۇڭلارنى قايتۇرۇپ بېرىمەن دىگەن، 2019-يىلى4-ئاينىڭ 13-كۇنى سائەت 11لەر ئەتراپىدا قX ئاXبىلەن 3-مەيدان XX مېھمانخانسنىڭ ئالدىدا كۆرۇشۇپ ئۇزىنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىشنى دەپ 5000مىڭ يۈەن نەق پۇلنى ئاXگە بەرگەن، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۇنى ئاX قXغا تېلفۇن قىلىپ پۇل بەك جىق كىتىدىكەن، پۇل تۈگدى دىگەن، قX ئەتسى ئاXگە تېلفۇن قىلىپ 2مىڭ يۈەن پۇلىنىڭ ئامالنى قىلىپ قويغانلىقىنى دىگەن، ئاX ئۇزىگە ئىككى تال ئوغلاق لازىم بۇلۇپ قالغانلىغىنى دىگەندە قۇدىرەت قۇربانغا 590يۇەن قىممىتىدىكى بىر تال ئوغلاق بىلەن بىر تال پاقلاننى ئېلىپ يەنە 2مىڭ يۈەن نەق پۇل بىلەن 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۇنى 3-مەيدان XX مېھمانخانسنىڭ ئالدىدا پۇل بىلەن بىرتال ئوغلاق،بىرتال پاقلاننى ئاXگە بەرگەن، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۇنى ئاX ئىشڭىزنى ھەل قىلدىغان پۇل كاملاپ قالدى، دەرھال ماڭا 1000مىڭ يۈەن پۇل ئەۋەتىپ بېرىڭ دەپ قXغا تېلغۇن قىلغان، قX ماقۇل بۇلۇپ 1000 يۈەن پۇلنى ئاXگە ئۈندىدارىدىن ئېتىپ بەرگەن، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۇنى قXغا ئاۋات ناھيىلىك خەلق سوت مەھكمسى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن سوت ئاچقان.جاۋاپكار ئاX قXنىڭ جەمئى 8590يۇەن يۈەن پۇلسنى ئالداپ ئېلىۋىلىپ ھازىرغىچە قايتۇرمىغان.(زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنى ئەسلىگە كەلمىگەن)

<2> 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۇنى كەچ سائەت 8:30 لەر ئەتراپىدا ئاۋات X يېزا X-كەنىت X-گۇرۇپتا ئولتۇرشلۇق مXئاۋات بازار ئىچدە ھاراق ئىچىپ موتوسكلتنى ھەيدەپ قاتناش ساقچىلىرىغا تۇتۇلۇپ قالغان، مX ئۆزنىڭ قانۇن ئورۇنلىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ بۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسرەپ پۇل كەتسمۇ ئۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىدىغان ئادەم ئىزدەپ ئەXدىن ئاXنىڭ بۇ ئىشنى ھەل قىلالايدىغانلىغىنى  ئاڭلاپ  2019-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۇنى ئاXگە تېلفۇن قىلىپ بۇ ئىشنى ھەل قىلىپ بىرىشىنى دىگەن، ئاX مXغا، بۇئىشنى مەن ھەل قىلىپ بېرەي،  مەن تېز سۈرئەتتە كىنشكىڭىزنى ئېلىپ بېرىمەن، جەمئى 15مىڭ يۈەن ئەتتراپىدا پۇل تەييارلاڭ دىگەن، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۇنى مXجاۋاپكار ئاX بىلەن ئاۋات ناھيە بازىرىدىكى XX مېھمانخانسنىڭ ئالدىدا كۆرۇشۈپ 6000 يۈەن نەق پۇلنى ئاXگە بەرگەن، ئاX 6000 يۈەن پۇلنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ  رېمنۇتچلىق دۇكىنىنىڭ ئىجارسنى بەرگەن، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۇنى ئاX  ئىشنى بېجىرەي دەپ قالغانلقنى، يەنە 6000 يۈەن پۇل پۇل كاملاپ قالغانلقىنى دەپ مXغا تېلفۇن قىلغان،  2019-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۇنى سائەت 10لار بىلەن ئاۋات ناھيىلك 3-مەيدان بېكەتنىڭ ئالدىدا مX ئاX بىلەن كۇرۇشۇپ يەنە 6000يۇەن پۇلىنى ئاXگە بەرگەن، ئاX بۇ 6000مىڭ يۈەن پۇلنى ئېلىپ دۇكىنىڭ ئىجارىسىنى بەرگەن. 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۇنى ئاX 4000 يۈەن پۇل كەملەيدىكەن، يەنە پۇل چىقارمسڭىز ئىشڭىز توختاپ قالدۇ، مەن ئىشڭىزنى تېزدىن بېجىرۋاتىمەن  دەپ مXغا تېلفۇن قىلغان، شۇكۇنى سائەت 4لەر بىلەن مX ئاۋات ناھىيە XX پىيادىلەر كوچسنىڭ كەينى تەرىپگە كېلىپ ئاX بىلەن كۆرۇشۈپ 4000 يۈەن نەق پۇلنى ئاXگە بەرگەن،  2019-يىلى 7-ئاينىڭ باشلىرى مX جاۋاپكار ئاXگە تېلفۇن قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىشنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سۈيىلگەندە ئاX ئىش پۈتىدىغانغا ئاز قالدى دىگەن، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۇنى ئاX يەنە  1000 يۈەن پۇل كاملاپ قالدى تېزىدىن 1000 يۈەن پۇل بېرىڭ، بولمسا ئىشڭلار توختاپ قالدۇ دەپ مXغا تېلفۇن قىلغاندىن كىيىن، مX ماقۇل بۇلۇپ 1000 يۈەن پۇلنى ئۈندىدارىدىن قىزىل بولاق قىلىپ ئاXگە ئېتىپ بەرگەن، ئاX ھازىرغچە زىيانلانغۇچى مXنىڭ 17مىڭ يۈەن پۇلسنى ئالداپ ئېلىۋالغان.(زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنى ئەسلىگە كەلمىگەن.)

   <3> 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۇنى ئاۋات ناھيە XX يېزا XX كەنىتتە ئولتۇرۇشلۇق تX ھاراق ئىچىپ ئۆزنىڭ موتوسكلتنى ھەيدەپ ماڭغاندا قاتناش ساقچلارىغا تۇتۇلۇپ قالغان، تX ئۆزنىڭ قانۇن ئورۇنلىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ بۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسرەپ پۇل كەتسمۇ ئۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىدىغان ئادەم ئىزدەپ تۇنۇشى مXكە ئۆزنىڭ بۇ ئىشنى دىگەن، مX بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن تXغا مXنى تۇنۇشتۇرۇپ قويغان، مX بۇ ئىشلارنى ئۇققاندىن كېيىن ئاXگە تېلفۇن قىلىپ زىيانلانغۇچى تXنىڭ ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستسى ھەيدىگەن ئىشنى دىگەن،جاۋاپكار ئاX زىيانلانغۇچى مXغا 2000 يۈەن پۇل ئېلىپ ئاۋاتقا كېلىپ ئۆزگە تېلفۇن قىلىش توغۇرلۇق زىيانلانغۇچى مXXغا دىگەن،2019-يىلى 10-ئاينىڭ16-كۇنى زىيانلانغۇچى تX جاۋاپكار ئابX، مX، مX قاتارلىقلار XX مېھمانخانسنىڭ يان تەرپىدە كۆرۇشكەندىن كىيىن ئاXتXغا ،مەن سىزنىڭ ھاراق ئىچىپ موتۇرلۇق قاتناش ۋاستسى ھەيدىگەن ئىشڭىزنىڭ يولنى ماڭاي، ئاۋال قاننى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن قالغان ئىشلارنى دېيشەيلى، ئالدى بىلەن 2000 يۈەن پۇل بېرىڭ دىگەن، تX  ئاXگە 2000 يۈەن نەق پۇل بەرگەن،جاۋاپكار ئاX پۇلنى ئالغاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن خوشلۇشۇپ ئۇلارغا مەن ھازىر قاننى بىرتەرەپ قىلغىلى بارىمەن، قالغان ئىشلار بولسا تېلفۇن قىلمەن دەپ يالغان گەپ قىلىپ دۇكىنىغا قايتىپ كەتكەن،2019-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۇنى سائەت 2 لەر بىلەن جاۋاپكار ئاX يەنە 3000 يۈەن پۇل جىدى لازىم پۇل كاملاپ قالدى، تXنىڭ جەرىمانسنى تۆلەيمەن، ئاۋات ناھيىلك XX بانكسنىڭ ئالدىغا 3000 يۈەن پۇلنى ئەكېلىپ بەرسۇن دەپ  زىيانلانغۇچى تXغا دەپ قۇيۇڭلار دەپ مXغا تېلفۇن قىلغان، مX ئاXنىڭ گىپىنى تXغا يەتكۈزۈپ قويغان، سائەت 5 دە تX بىلەن ئاX ئاۋات ناھيىلك XX بانكىسنىڭ ئالدىدا كۆرۇشۇپ ئاX  3000 يۈەن پۇلنى ئەكەلگەن- ئەكەلمىگەنلىگىنى، ھازىر ئۆزىنىڭ جەرىمانە پۇلىنى تۆلىمەكچى بولغانلىقىنى، يەنە كېچكسە بۇ ئىشنىڭ سۇغا چىلشدىغانلقنى دىگەن، تX يۇقارقى گەپنى ئاڭلاپ 3000 يۈەن پۇلنى ئاXگە بەرگەن، جاۋاپكار ئاX پۇلنى ئالغاندىن كېيىن بىرەر ئىش بولسا مەن سىز بىلەن ئالاقىلشمەن، مېنىڭ تېلفۇنمنى ساقلاڭ، ئىشڭىزنى چۇقۇم ھەل قىلىپ بېرىمەن دەپ قايتىپ كەتكەن، جاۋاپكار ئاX تXنىڭ جەمئى  5000 يۈەن پۇلسنى ئالداپ ئېلىۋالغان.( زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنى ئەسلىگە كەلمىگەن)

يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

1›يازما ئىسپات 2>گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋالىغى 3> زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى 4›جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى5> باھالاش يەكۇنى 6> فۇتۇ-سۇرەت قاتارلىقلار بار. 

مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئاXنىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266-ماددا1-تارماق بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئوچۇق،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، دەپ قاراپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھورمەت بىلەن: 

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

    

تەپتىش : ئەركىن ئېلى

2020-يىل 3-ئاينىڭ 27-كۈنى

قۇشۇمچە: 1›8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن بىر توپلام رازۋىتكا دېلوسى بىرگە يوللاندى. 2›جاۋاپكار ھازىر ئاۋات ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top