ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا،ت، 1-بۆلۈم، ج، ئە (2020) 287-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ئاX،ئەر،ئۇيغۇر،كىملىك نومۇرى: XXXX652928، يۇرتى:X ناھىيە،نۇپۇس تۇرۇشلۇق جايى:Xناھىيە X بازىرى X كەنت 2-گۇرۇپ83-نومۇر،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،ماسسا،دېھقان،ئىلگىرى جازالانمىغان،2020-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئالدامچلىق جنايىتى گۇمانى بىلەن Xناھيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلنغۇچە كېپلگە بېىرىلگەن.جاۋابكار ھازىر ئائلىسىدە .
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ئاXنىڭ قاتناش ھادىسسى جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 06-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازا بىرىلىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇختۇرۇپ قويۇلدى، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ، بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئاX ئالدامچلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە 2020-يىل 1-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچ سائەت 21لەر ئەتراپىدا ئۆزىنىڭ X ناھىيە X كەنىت 2-گۇرۇپتىكى ئۆيىدە،X نۇمۇرلۇق ئۈنىدارى ئارقلىق ئۆزىنىڭ ئۈنىدارىدا بار بولغان «X يول ئۇچۇرى» ئۈنىدارى توپىغا«مەن توردا مەخسۇس بانكا ئىناۋەتلك قەرزى بىجىرىمەن،جىددى قەرزى بىجىرمەكچى،قەرىز بىجىرىشكە جىددى ئېھتياجى بارلار مېنڭ ئۈنىدارىمنى قاچىلاپ ئايىرىم گەپ قىلىڭلار »دەپ ئۇچۇر تارتقان، 2020-يىلى2-ئاينىڭ 1-كۇنى كەچ سائەت 21لەر ئەتىراپىدا زىيانلانغۇچى بۇXجاۋابكار ئاXنىڭ ئۈنىدارىنى قاچلاپ،جاۋابكار ئاX ئۈنىدارىغا خەت يېىزىپ ئۆزىنىڭ جىددى قەرىز بىجىرىشكە ئېھتياجى بارلىغى توغىرىسدا گەپ قىلغان،جاۋابكار ئاX زىيانلانغۇچى بۇX قەرىز بىجىرىپ بىرشىكە ماقۇل بولغان،ھەمدە زىيانلانغۇچى بۇXتوردا بانكا قەرزى بىجىرىشتە لازىم بۇلىدىغان،كىلملىك،بانكا كارتىسى،تېلغۇن نۇمىرى،تېلغۇنغا كەلگەن«验证码»قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئەۋەتپ بېىرىشنى تەلەپ قىلغان،شۇنىڭ بىلەن زىيانلانغۇچى بۇXماقۇل بۇلۇپ، ئۆزىنىڭ كىملىكى،تېلغۇن نۇمىرى،بانكا كارتىسى ۋە تېلغۇنسىغا كەلگەن «验证码»قاتارلىق ئۇچۇرلارنى جاۋابكار ئاXنىڭ ئۈندارىغا ئەۋەتپ بەرگەندىن كېيىن،جاۋابكار ئاXزىيانلانغۇچى بۇخەلچەم سەمەت ئەۋەتىپ بەرگەن ئۇچۇرلاردىن پايىدىلنىپ،ئۆزىنىڭ“oppo-A9”ماركلىق قارا رەڭلك يان تېلغۇنىسدا، زىيانلانغۇچى بۇXنىڭ «支付宝»نى ئېىچپ 3600يۈەن (ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز يۈەن)، «花呗»دىن 150يۈەن (بىر يۈز ئەللك يۈزەن )جەمئى 3750يۈەن (ئۈچ مىڭ يەتتە يۈز ئەللك يۈەن) پۇلىسىنى ھېساب يۆتكەش شەكلى ئارقلىق ئالداپ ئېلۋالغاندىن كېيىن،زىيانلانغۇچى بۇXى ئۈنىدارىنىڭ قارا تىزىملكىگە كىرگۈزەتكەن. زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنى ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل ئىسپاتلار:
1› ماددىي ئىسپات 2› يازما ئىسپات 3›زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى 4> جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى5› ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، فوتو-سۈرەت قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز، جاۋابكار ئاXنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق، ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋابكار ئاXنىڭ قىلىمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، جاۋاپكار قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاش كېرەك، شۇڭا جاۋابكار ئاXنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتىگە 5 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، قۇشۇمچە جەرىمانە قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: خانئايىم يۇسەن
گۈلنۇر ئابلىمىت
2020-يىل 7-ئاينىڭ8-كۈنى
قۇشۇمچە:
1› جاۋاپكار ئاX ھازىر ئائىلىسىدە.
2›8پارچە ئەيىبلەشنامە بىلەن بىر توپلام رازۋېتكا دېلوسى (97بەت)؛
3›4دانە ئوپتىك دېسكا (جاۋاپكارنىڭ ماس قەدەملىك سوراق خاتىرىسى)؛
4› جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى
5›بىردانە“oppo-A9”ماركلىق قارا رەڭلك ئەقىلى ئىقتىدارلىق يان تېلفۇن؛
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论