阿瓦提县人民检察院
起 诉 书
阿瓦提县检一部刑诉〔2020〕12号
ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا،ت1-بۆلۈم ج،ئە(2020) 12-نۇمۇرلۇق
ئاۋات ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئاxx، ئەر، ئۇيغۇر، 19xx-يىلى xx-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 65292819xx، نۇپۇستىكى ئادېرسى: ئاۋات ناھىيە xx تۇۋەنكى xx كەنىتxx-گۇرۇپ xx-نۇمۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادېرسى: ئاۋات ناھىيە xx تۇۋەنكى xxكەنىتxx-گۇرۇپ xx-نۇمۇر، تۇللۇقسىز مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، ماسسا، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن. ھازىر ئائىلىسىدە.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ئاxxنىڭ ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى،جاۋابكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ،دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلاپ، بۇ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. جاۋابكار بۇ دىلونى تىز ھۈكۈم كىسىم قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
1.2013-يىلى10-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى جاۋاپكار ئاxx ئوغرىلىق قىلىش مەقسىتىدە زىيانلانغۇچى ئوxx(xx بازىرى xx-كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇر)نىڭ تۈگمىنىنڭ ئالدىغا بېرىپ بىر خالتا بۇغداي بارلىقىنى كۆرۈپ، ئەتراپنى بىر ئاز كۆزەتكەندىن كىيىن تۈگمەندە ئادەم يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ، تۈگمەننىڭ ئالدىدىن بىر خالتا بۇغداينى ئوغرىلاپ ئۆزىنىڭ موتسىكىلتىغا بېسىپ ئاۋات ناھىيە يېڭرىق بازىرىغا ئەكىلىپ تۈگمەنچى ياسىن ئابدۇۋېلىغا 110يۈەنگە سېتىپ پۇلىسىنى خەجلەپ تۈگەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلگەن. مال باھا بېكتىش ئىدارىسى بىر خالتا بۇغداينىڭ قىممىتىنى 107.5 يۈەن باھالاپ بېكىتكەن.
2.2014-يىلى 9-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى چۈشتە جاۋاپكار ئاxx زىيانلانغۇچى ياxx (ئاۋات ناھىيە xx بازىرى xx-كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇر)نڭ ئۆيىگە ئوينىغىلى بېرىپ ئۆيىدە ئادەم يوقلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئوغرىلىق قىلىش مەقسىتىدە ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ كىيىم ئىشكابى ئىچىدىكى 35 يۈەن پۇلنى ئوغرىلاپ خەجلەپ تۈگەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلگەن.
3.2014-يىلى11-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى جاۋاپكار ئاxx زىيانلانغۇچى ياxx(ئاۋات ناھىيە xxبازىرى xx-كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇر)تىن پۇل قەرز ئېلىش ئۈچۈن زىيانلانغۇچى ياxxنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۆيىدە ئادەم يوقلىقىنى ھەمدە ئۆيىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئوچۇقلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ئوغرىلىق قىلىش مەقسىتىدە زىيانلانغۇچى ياxxنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كىيىم ئىشكابى ئىچىدىكى 850 يۈەن پۇلنى ئوغرىلاپ خەجلەپ تۈگەتكەن، 500 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلگەن، 350 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
4.2014-يىلى 11-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى جاۋاپكار ئاxx زىيانلانغۇچى ئەxx(ئاۋات ناھىيە xx بازىرى xx-كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇر)نىڭ ئۆيىدىن نەرسە ئوغرىلاش مەقسىتىدە زىيانلانغۇچى ئەxxنىڭ ئامبار ئۆيىگە كىرىپ ئىككى خالتا پاختىنى ئۆيىنڭ دەرىزىسىدىن ئۆزىنىڭ ھويلىسىغا چۈشۈرۈپ ئۆزىنىڭ ئاق رەڭلىك موتسىكىلىتىغا بېسىپ ئاۋات ناھىيە تامتوغراق يېزىسىغا ئاپىرىپ 230 يۈەنگە سېتىپ خەجلەپ تۈگەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.مال باھا بېكتىش ئىدارىسى ئىككى خالتا پاختىنىڭ قىممىتىنى 255.00 يۈەن باھالاپ بېكىتكەن.
5.2014-يىلى 12-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كەچ ۋاقتى جاۋاپكار ئاxx ئاۋات ناھىيە xx بازىرى xx-كەنىت كەچلىك بازىرىغا بېرىپ، زىيانلانغۇچى نۇxx(ئاۋات ناھىيە xx بازىرى xx-كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇر)نىڭ ئاۋات ناھىيە xx بازار xx-كەنىت كومتىتى كىچىك بازىرىغا جايلاشقان ناۋايخانىسىنىڭ پۇل سالىدىغان قەلەي ساندۇقنىڭ دۇكاننىڭ تېشىدىكى تونۇرنىڭ ئۈستىدە تۇرغانلىقىنى، زىيانلانغۇچى نۇxxنىڭ دۇكاننىڭ ئىچىدە ئىش قىلغىلى تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، قەلەي ساندۇقتىن 280 يۈەن نەق پۇلنى ئوغرىلاپ خەجلەپ تۈگەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
6.2014-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىنىڭ بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن جاۋاپكار ئاxx زىيانلانغۇچى قۇxx(ئاۋات ناھىيە xx بازىرى xx-كەنىت xx-گۇرۇپ)نىڭ ئۆيىگە كەپتەر ئوينىغىلى بېرىپ زىيانلانغۇچى قۇربان دانىشنىڭ ئۆيىدە ئادەم يوقلىقىنى، ئۆيىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئوچۇقلىقىنى كۆرۈپ ئوغرىلىق قىلىش مەقسىتىدە زىيانلانغۇچى قۇxxنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كارۋات ئۈستىگە قويۇپ قويغان سومكىنى ئاختۇرۇپ سومكىدىكى 270 يۈەن نەق پۇلنى ئوغرىلاپ خەجلەپ تۈگەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
7.2015-يىلى 1-ئاينىڭ بېشىدا چۈشتىن كىيىن جاۋاپكار ئاxx زىيانلانغۇچى قۇxx(ئاۋات ناھىيە xx بازىرى xx-كەنىت xx-گۇرۇپ)نىڭ ئۆيىگە كەپتەر ئوينىغىلى بېرىپ زىيانلانغۇچى قۇxxنىڭ ئۆيىدە ئادەم يوقلىقىنى كۆرۈپ وغرىلىق قىلىش مەقسىتىدە زىيانلانغۇچى قۇxxنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە سېلىقلىق قۇلۇپنى تارتىپ ئېچىپ ئىشكاپ ئىچىدىكى سومكىنىڭ ئىچىدىن 450 يۈەن نەق پۇلنى ئوغرىلاپ خەجلەپ تۈگەتكەن، 200 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلگەن، 250يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
8.2017-يىلى 2-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى جاۋاپكار ئاxx زىيانلانغۇچى تاxx(ئاۋات ناھىيە xx بازىرى xx-كەنىت 3-گۇرۇپ)نىڭ ئۆيىگە كەپتەر كۆرگىلى چىقىپ زىيانلانغۇچى تاھىر تۇرسۇننىڭ ئۆيىدە يوقلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، زىيانلانغۇچى تاxxنىڭ ئىككى تال كەپتىرىنى ئوغرىلاپ ئۆيىگە ئېلىپ چىقىپ سولاپ قويغان، بىر ھەپتىدىن كىيىن زىيانلانغۇچى تاxx كەپتىرىنى جاۋاپكار ئاxxنىڭ ئوغرىلاپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ قېلىپ كەپتىرىنى قايتۇرۋالغان، زىيان ئەسلىگە كەلگەن. مال باھا بېكتىش ئىدارىسى ئىككى خالتا پاختىنىڭ قىممىتىنى 32 يۈەن باھالاپ بېكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:
1.يازما ئىسپات 2.زىيانكەشلىككە ئۇچۇرىغۇچىنىڭ بايانى 3.جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 4.نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى، خەرىتىسى، فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئېتىراب قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز، جاۋابكار ئاxxنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە كۆپ قېتىم باشقىلارنىڭ مۈلكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتى تۇللۇق، ئوغرىلىق جىنايىتى بۇيىچە جىنايىتى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، جاۋابكار ئاxxغا 4ئايدىن 6ئايغىچە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بىرىش كېرەك، جاۋابكار ئاxx جىنايىتىنى تۇلۇق ئېتىراپ قىلىپ، قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، جاۋابكارئاxxغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش:ئەركىن ئېلى
ئەزمەت دولقۇن
2020-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى
قۇشۇمچە: 1. 8 پارچە ئەيىبنامە، بىر پارچە جىنايىتى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى، ئىككى توپلام رازۋېتكا دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
2.جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىللىكتە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论