ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا،ت، 1-بۆلۈم، ج، ئە (2019) 87-نۇمۇرلۇق
ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئا XX، ئەر، ئۇيغۇر، XX19-يىل XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX65292819، يۇرتى ئاۋات ناھىيە، نوپۇستىكى تۇرۇشلۇق ئورنى XX ناھىيە XX بازار XX يولى XX-كوچا XX-نۇمۇر، مۇقۇم كەسپى يوق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، ماسسا، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن 1 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان، ھازىر XX ناھىيىلىك XXخانىدا قاماقلىق.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئا XX نىڭ تارتىۋىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل- ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ، بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى، جاۋابكار بۇ دىلونى تىز ھۈكۈم كىسىم قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 11:00 ئەتىراپىدا جاۋابكار ئا XX ئاۋات ناھىيە چوڭ XXنىڭ يېنىدىكى بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ بولۇپ، ئاشخانىنىڭ يېنىدىكى بىر خەنزۇ يولداشنىڭ دۇكىنىدا ئىككى بوتۇلكا بېيجىڭ ئېرگوتو ماركىلىق ئاق ھاراق ئىچىپ يېنىپ چىققاندىن كېيىن XX رايونىدىكى ئۆيىگە قايتىپ مېڭىپ ئاۋات ناھىيە XX ئولتۇراق بىناسى ئاستىدىكى ئامانەت قەرىز كوپراتىۋى XX يولىدىكى تارماق XXنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ت XX نىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىدىكى پەشتاقتا ئولتۇرۇپ پۇل ساناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ت XX نىڭ يېنىغا بېرىپ ت XX نىڭ قولىدىكى 1000 يۈەن نەق پۇلنى تارتىۋىلىپ قېچىپ كەتكەن. (زىيان ئەسلىگە كەلگەن)
يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1›يازما ئىسپات 2› زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى 3›جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 4›نەق مەيدان تونۇتۇش خاتىرىسى، نەق مەيدان خەرىتىسى ۋە جىنايى ئىشلار فوتو- سۈرەت 5›ئۈن- سىن ماتىريالى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئېتىراب قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز، جاۋابكار ئا XX نىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 267- ماددا 1-تارماق بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، تارتىۋىلىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك، جاۋابكار ئا XX قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاپ، جاۋابكار ئا XX كە 6 ئايدىن 1 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىش، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇش جازاسى بىرىش كىرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: ئەركىن ئېلى
دىلشات مۇتەللىپ
2019-يىل 12-ئاينىڭ 17-كۈنى
قۇشۇمچە: 1› 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن بىر توپلام رازۋىتكا دېلوسى بىرگە يوللاندى. 2›جاۋاپكار ئا XX ئاۋات ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论