شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بايىنغولىن ئاپتونۇم ئوبلاستى
لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلەشنامىسى
ل ت ج ئەيىپلەش1-بۆلۈم (2020) 169- نومۇرلۇق
جاۋاپكار ئاxx،ئەر،ئۇيغۇر،xx-يىلىxx-ئاينىڭxx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:652823xxxx، تولۇسىز كۇرۇس مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، كەسپىي: دېھقان،ئەسلىي يۇرتى،نۇپۇستۇرۇشلۇق ئادرىسى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى:شىنجاڭ xx ناھىيەxx يېزا xx كەنتىxx-گۇرۇپپاxx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، 2019-يىلى11-ئاينىڭ13-كۈنىxx ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك يول يۇرۇش جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقى ئۇچۇن جىنايى ئىشلار بويۇنچە توختۇتۇپ قويۇلغان. 2019-يىلى11-ئاينىڭ16-كۈنى xx ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك يول يۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۇچۇن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچەكېپىلگە بېرىلگەن. 2020-يىلى11-ئاينىڭ26-كۇنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان،ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
xx ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋاپكار ئاxxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2020- يىلى 11– ئاينىڭ 25- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم ، دېجورنى ئادوۋكاتنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى . جاۋابكار ئاxx مەزكۇر دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە:
2019-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى سائەت17ئەتىراپىدا،جاۋاپكار ئاxx باشقىلار بىلەن xx ناھىيە xx يېزا2-سۇ ئامبىردىكى باxxxنىڭ ئوتىغىدا ھاراق ئىچىپ ،سائەت21 دىن00مىنۇت ئۆتكەندە، مەست ھالەتتە 新xxx نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى يولىچىلار ماشىنسىنى ھەيدەپ xx ناھىيە xx يېزا xx كەنتى يىڭى ياسىلىۋاتقان يولنى بويلاپ جەنۇپتىن شىمالغا قاراپ مىڭىپ xx يىزا xx كەنتى يىڭى ياسىلىۋاتقان يول بولىگىدىكى قوغدىنىش توسىقىغا سوقۇلۇپ كەتكەن ،ئاندىن xx ساقچىخاننا xx ئاممىغا قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ساقچىلىرى تەرپىدىن تەكشۇرۇلۇپ تۇتۇلغان.شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىيلىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2019]8007–نۇمۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە جاۋاپكار ئاxxنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەر 100 مىللىلېتىر قان تەركىبىدە199 مىللىگىرام ئىسپىرت بارلىقىنى باھالاپ بېكىتكەن .
يوقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە : يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش يەكۈنى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار .
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە :جاۋابكار ئاxx قاتناش – تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق ، دەلىل ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ . جاۋابكار پەxxكە 2 ئايدىن يۇقىرى 3 ئايدىن توۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ، قوشۇمچە6000يۈەن شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىپ ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئەنۋەر ئابلەت
2020- يىلى 11- ئاينىڭ 28- كۈنى
ئىزاھات : (1) دېلو ئارخىبى بىر توپلام. (2) « جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى » نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى .(3) دەلىل – ئىسپات تىزىسى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论