欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

阿某某危险驾驶案

2021-09-21 尘埃 评论0

توقسۇن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

            توقسۇن ت ج ئى ئە چىقىش﹝2020﹞ -نومۇرلۇق

توقسۇن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

جاۋابكارئا** ئىلگىرى ئىشلەتكەن ئىسمى: يوق، ئەر، ئۇيغۇر، 33ياش، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك: 2514********652123، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئادرىسى: توقسۇن ناھىيە **بازار ** كەنت **-ئەترەت***-نۇمۇر، ھازىرقى  ئادرىسى:توقسۇن ناھىيە ** بازار ** كەنتى *-گۇرۇپپا،ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە. يەككە تىجارەتچى، ئامما، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى توقسۇن ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . 

توقسۇن ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋابكار ئا**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 06-ئاينىڭ 03-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە  دىجورنى ئادۋوكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈردۇق. جاۋابكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەنكىدىكى پاكىتلار ئىنىقلاندى: 

 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى كېچە سائەت 24:00 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ئا**مەست ھالەتتە B2 تىپلىق پىراۋىسى بىلەن ر** نامىدىكى *****新K نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ، توقسۇن ناھىيە** **-نۇمۇرلۇق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇجايدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ، ھاراق ئىچكەنلىكىنى پۈۋلىتىپ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىدە پۈۋلىتىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، جاۋابكار ئا**نىڭ ھاراق ئىچكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرغان، ھەمدە دەرھال توقسۇن ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ، قان ئەۋرىشكىسى ئېلىپ قالدۇرغان.

شىنجاڭ جوڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنىنىڭ [2019] ****- نۇمۇرلۇق ئەدلىيىلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە : ئا**نىڭ ھەر 100 مىللىتىر قېنى تەركىبىدە 206 مىللىيگرام ئالكوگىل مىقتارى بايقالدى دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.

جاۋابكار ئا**پىراۋىلىق ھالدا ماشىنا ھەيدىگەن، ھادىسە سادىر قىلمىغان، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، جىنايىتىنى تونۇپ ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن :  يازما ئىسپاتلار، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، قان ئەۋرىشكىسى ئېلىپ تىزىملاش جەدۋىلى، قاندىكى ئىسپرت مىقتارىنى باھالاش پىكىرنامىسى، ھەيدىگۈچىلەر ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى،نەق مەيدان تەكشۈرۈش دوكلاتى، پۈۋلەش ئۈسكۈنىسىنىڭ نەتىجە قەغىزى، نەق مەيدان سۈرەتلىرى قاتارلىقلار بار. 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمونى ئوبىكتىپ ھەقىقىي بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بېكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ئا**نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ. 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋاپكار ئا**نىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدا ھەيدەپ ماڭغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-تارماق 1-مەزمونىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، دىلونىڭ جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راست، جاۋابكار ئا**نى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك . جاۋابكار ھادىسە سادىر قىلمىغان، جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا، جاۋابكار ئا**گە 3 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە 6000 يۈەن شىتراف قويۇشنى تەكلىپ بېرىمىز. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددا، 15-ماددا، 214-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

                   تەپتىش : رىزۋانگۈل ئابلىمىت

                 2020- يىلى 06- ئاينىڭ 12- كۈنى

قوشۇمچە :

1. جاۋابكار ئا**ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە؛

2. بۇ دېلو تەھقىقلەش توپلىمى 1 توپلام، تەپتىش توپلام 1 توپلام، جەمئى 2 توپلام ؛

3. ئەيىپنامە ئۇيغۇرچە 10 نۇسخا، خەنزۇچە 10 نۇسخا دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى؛

4. «جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» 1نۇسخا دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى؛

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top