ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلىمەسلىك قارارنامىسى
ئا، ت، بىرىنجى بۆلۈم ئەيىپلىمەسلىك (2020) 42-نۇمۇرلۇق
ئەيىپلەنمىگۈچى ئاXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX19-يىل 7-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXX65292819، يۇرتى ئاۋات ناھىيە، نوپۇستىكى تۇرۇشلۇق ئورنى XX ناھىيە XX بازار XX كەنت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، ئىشچى، ماسسا، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىپلەنمىگۈچى ئاXX نىڭ قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى دېلوسىنى 2020-يىل 7-ئاينىڭ 18-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىپلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە ئەيىپلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، ئەيىپلەنمىگۈچىدىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ، بۇ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 20:04 دە ئەتىراپىدا ئەيىپلەنمىگۈچى ئاXX ئۆزىنىڭ 新NB7XX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىسىغا زىيانلانغۇچى بۇXX ، زىيانلانغۇچى ھۆXX نى چىقىرىپ ئاۋات ناھىيە ئاقسۇ ئاۋات يولى S208-لىنىيە يولىدا شەرىقتىن غەرىبكە يۆلىنىشىدە ھەيدەپ S208 لىنىيە 38 كىلومىتىر 300 مىتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە ئۇخلاپ قېلىپ ماشىنا كونتىروللۇقىنى يوقۇتۇپ يول بويىدىكى ئورمان بەلبىغىغا كىرىپ دەرەخكە سوقۇلغان، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئەيىپلەنمىگۈچى ئاXX 120 جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىگە ۋە 110 قوماندانلىق مەركىزىگە دىلو مەلۇم قىلغان، بۇXX نەق مەيداندا ئۆلۈپ كەتكەن.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2019) 231-نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلار پەن- تېخنىكىلىق باھالاشنامىسىدا: زىيانلانغۇچى بۇXX ئۆلۈشتىن ئىلگىرى سىرىتقى كۈچنىڭ تەسىرىدە باش سۆڭىكى ئېغىر دەرجىدە زەخمىلىنىپ ئۆلگەن دەپ بىكتكەن.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ 6529282019319-نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسىدىكى جاۋابكارلىقنى بىكىتىشنامىسىدا: ئەيىپلەنمىگۈچى ئاXX «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى» نىڭ 22-ماددا 1-تارماق، 42-ماددا 1-تارماق بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھادىسىدە تولۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، زىيانلانغۇچى بۇXX ، ھۆXX قاتارلىقلار ھادىسىدە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ بىكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1› يازما ئىسپات 2› گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى 3›ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى 4›باھالاش پىكرى 5›نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرسى، خەرىتە ۋە فوتو-سۈرەت 6›سوراق ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىز، ئەيىپلەنمىگۈچى ئاXX نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى جىنايتى شەكىللىنىدۇ، قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق؛ ئەيىپلەنمىگۈچى ئاXX ۋەقە سادىر قىلغاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن 120 جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىگە ۋە 110 قوماندانلىق مەركىزىگە تىلفۇن قىلغان، نەق مەيداندىن ئايرىلماي ساقچىلار نەق مەيدانغا بارغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ قىلمىشىنى ئاكتىپلىق بىلەن تاپشۇرغان، زىيانلانغۇچىنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بىلەن ھەق- تەلەپ جەھەتتە ئۆز-ئارا كىلىشكەن ھەمدە زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلە- تاۋاباتىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، جىنايىتىنى تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ياخشى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق بۇلۇش ئەدلىيە سىياسىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە جىنايى جازا بېرىشنىڭ زۆرۈريىتى يوق دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە ئاXX نى نىسپى ئەيىپلىمەسلىك قارار قىلىندى.
ئەيىپلەنمىگۈچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، مەزكۇر قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.
ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىل 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论