شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار ت ج ئە (2020) 445 -نومۇرلۇق
جاۋابكار ئاXX، ئەر، ئويغۇر، XX20-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX65292420، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: شايار ناھىيە XX بازىرى XX يۇلى XX-نۇمۇر قۇشۇمچە XX-نۇمۇرلۇق ئۆي بۇلۇپ، ھازىر شايار ناھىيە XX بازىرى XX كەنت XX-گورۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. شايار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن . 2020-يىلى 6–ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
شايار ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ئاXX نىڭ ئوغرىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2019) 212-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئوقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دېجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
1. جاۋابكار ئاXX بىلەن ئەXX (ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنغان) 2019-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا XX بازىرى XX كەنت XX-گوروپپىدىكى XX-پىرپات دىگەن يەردە ئوت قالاپ پاراڭلىشىپ تۇرۇش جەريانىدا ، جاۋابكار ئاXX ئەXXكە(ئايرىم دېلودا بىر تەرەپ قىلىنغان) ، شۇ يەردىكى ( سۈن XXنىڭ ئۆيى ) « كۆرسىتىپ قورساق ئېچىپ كەتتى» دەپ ئوغۇرلۇق قىلىش مەسلىھەتىنى بەرگەندە ئەXX (ئايرىم دېلودا بىر تەرەپ قىلىنغان) قۇشۇلغان، شۇنىڭ بىلەن جاۋابكار ئاXX بىلەن ئەXX بىللە سۈن XXنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ، چوڭ تۈمۈر دەرۋازىنىڭ قۇلۇپلاقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۇپ، ئۆيدە ئادەم يوقلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ، شۇ ئۆيدىن بىر نەرسە ئوغۇرلاش مەقسىتىدە ئەتراپنى كۈزۈتۈپ ھويلىنىڭ تۈمۈر رىشاتكىسىنىڭ بىر تال تۈمۈرىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، شۇ يەردىن ھويلا ئىچىگە كىرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايقاپ ، شۇ رىشاتكىنىڭ تۈمۈرى يوق يەردىن ھويلا ئىچىگە كىرگەن ، جاۋابكار ئاXX « مەن ئۆينىڭ ئىشىكلىرىنى تارتىپ باقاي ، ئېچىلىپ قالامدۇ » دەپ دەرۋازا يېنىدىكى بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى تارتقاندا ، بۇ ئۆينىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ كەتكەن ، شۇنىڭ بىلەن جاۋابكار ئاXX بىلەن ئەيىپلەنمىگۈچى ئەXX بۇ ئۆيگە كىرىپ، بىر دانە ئوغلاق گۆشى، ئىككى دانە تۇخا گۆشى ، بىر دانە سەي توغرايدىغان پىچاق ، بىر ساندۇق ئالما ، بىر قۇتا ئاق ھاراق، ئىككى تال چاپان قاتارلىق 1515يۇەن قىممىدىدىكى نەرسىلەرنى ئوغۇرلاپ چىقىپ، شۇ يېقىن ئەتراپتىكى زەيلىك بۇيىغا بېرىپ شۇ يەردە ئوت قالاپ، ئوغۇرلاپ ئېلىپ چىققانگۆشنى كاۋاپ قىلىپ يىگەن ، بىر بوتولكا ھاراقنى ئىچكەن ، قالغان نەرسىلەرنى شۇ يەرگە تاشلىۋەتكەن . دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئەXXنىڭ تۆلەپ بىرىشى بىلەن زىيان ئەسلىگە كەلگەن .
2. جاۋابكار ئاXX 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 17:00لەر ئەتراپىدا شايار ناھىيە XXبازىرى XX كەنت XX مەيدان XX-گوروپ XX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق خوۋ XXنىڭ ئۆز ئۈيىنىڭ يېنىغا توختۇتۇپ قويغان 新NXXXX نۇمۇرلۇق قىزىل رەڭلىك «كىيا» ماركىلىق ماشىنىنىڭ ئىچىدىكى بىر دانە سومكىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۈرۈپ ، ئوغۇرلۇق قىلىش ئۈچۈن ، شۇ يېقىن ئەتراپقا توختۇتۇپ قۇيۇلغان بىردانە تىرەكتۇرنىڭ ساندۇقىدىن بىر دانە ئەتتىركىنى ئېلىپ ، ماشىنىنىڭ سول تەرەپ كەينى ئىشىكىنىڭ ئەينىكىنى چېقىپ، ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، زىيانلانغۇچى خوۋ XXنىڭ بىر دانە ئايالچە كۈلرەك سومكىسىنىڭ ئىچىدىكى پورتىمالدىن 2000 يۈەن نەق پۇلنى ئوغۇرلىغان . دىلو پاش بولغاندىن كىين زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن .
3.جاۋابكار ئاXX 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 15:14لەردە ، شايار ناھىيە XXبازىرى XX كەنت XX مەيدان XX-گوروپ XX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ما XXنىڭ ئۈيىنىڭ يېنىدىكى نەشپۈتلۈك باغقا ئەمگەك قىلغىلى چىقىپ ، ئەتراپتا ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، ئوغۇرلۇق قىلىش ئۈچۈن ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۆينىڭ ئىچىدىكى تارتمىنىڭ ئىچىدىن زىيانلانغۇچى ما XXنىڭ 1944 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە قارا رەڭلىك خۇاۋېي نوۋا (为nova) ئۇچ تىپلىق يانفوننى ئوغۇرلاپ چىقىپ، ئۈزىنىڭ شايار ناھىيە XX بازىرى XX كەنت XX-گوروپتىكى ئۈيىگە ئاپىرىپ يۇشۇرۇپ قويغان ، دىلو پاش بولغاندىن كىين زىيان ئەينەن ئەسلىگە كەلگەن .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋابكار ئاXXنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ تۇرالغۇسىغا كىرىپ باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-، 17-ماددا، 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جاۋابكار ئاXXنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ ،شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتىنى ئىتراپ قىلدى،جازاغا قايىل بولدى. بۇ « خۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15-ماددىسدىكى بەلگىلمىگە ئۇيغۇن، شوڭا جاۋابكار ئاXXغا تۆت ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ، قۇشۇمچە 2000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش تەكلىۋى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن :
شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : XXXXXXXXX
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى
قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، تەھقىقلەش دېلو ئارخىپى (ئىككى توپلام، 337بەت) بىرگە يوللاندى. 2) جاۋابكار ئاXX ئائىلسىدە
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论