欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

阿某危险驾驶一案起诉书(公开版)

2021-09-23 尘埃 评论0

沙雅县人民检察院

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

 شايار ت ج ئە چىقىش (2020)    -نومۇرلۇق 

جاۋابكار ئاxx، ئەر،-19xx يىلى-x ئاينىڭ-x كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 65292419xxxxxxxxxx ، ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يەككە تىجارەتچى، شايار ناھىيە xx بازىرى xx يۇلى 3-نۇمۇر xx ئولتۇراق رايۇنى-x بىنا-x كورپۇس 702-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىغى ئۈچۈن 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىكگە بېرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ئاxxنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2018) 250-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارىتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار ئاxx 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 00:00 لەر ئەتىراپىدا شايار ناھىيە xx بازىرى xx مەكتەپنىڭ ئۇدۇلىدىكى «xx» ناملىق ئاشخانىدا دوستى شۆ x، يxx قاتارلىقلار بىلەن تاماق يىگەچ ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، شۇ كۈنى سەھەر سائەت 03:20 لەر ئەتىراپىدا سۇرۇندىن تارقاپ چىقىپ شۇ ئاشخانىنىڭ ئالدىدىكى ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىغا توختۇتۇپ قويغان ئۆزىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى新Nxxxxx نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسىغا دوستى يxxنى چىقىرىپ، ماشىنىنى ئۆزى مەسىت ھالەتتە ھەيدەپ مېڭىپ، xx بازىرى xx ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە شۇ يولدا چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ بايقالغان. باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار ئاxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقىدىكى ئىسپىرىتنىڭ مىقدارىنىڭ 181 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.  يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى ۋە ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئاxxنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق. جاۋابكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان. جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2)-تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسى، 176-ماددىسى، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. مەزكۇر دېلونى تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشغا ۋە قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى، جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكار ئاxxغا ئىككى ئاي 10 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 4600 يۈەن ئىشتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

           ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

-2020يىلى 11-ئاينىڭ  26-كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى (57بەت) بىرگە يوللاندى.

2) جاۋابكار كېىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە بار.

3) جاۋاپكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بۇلۇش تۆۋەنامىسى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top