شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بايىنغولىن ئاپتونۇم ئوبلاستى
xx ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلەشنامىسى
ل ت ج 1- بۆلۈم ئەيىپلەش (2020) 128-نومۇرلۇق
جاۋاپكار دxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx–يىلىxx–ئاينىڭxx–كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 652823xxxxxxx، نوپۇس تۇرۇشلۇق ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: xx ناھىيە xx يېزا xx كەنتى xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇر، ئالى تىخنىكۇم مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: ئىشچى. 2019–يىلى 11–ئاينىڭ 13–كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش قىلمىشىغا چېتىشلىق گۇمانى بىلەن xx ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى دېلوسى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە .
xx ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار دxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم، نۆۋەتچى ئادوۋكادنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى، جاۋابكار دxx مەزكۇر دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە:
جاۋاپكار دxx 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 1 لەر ئەتراپىدا، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ئۆزىنىڭ 新xxx نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىننى ھەيدەپ، xx ناھىيە xxx يولى بۆلىكىدە شەرىقتىن غەرىپكە مىڭىپ xx ناھىيە پارتىيە مەكتەپنىڭ ئالدىغا كەلگەندە xx ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش ساقچى چوڭ ئەترىتى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بايقىلىپ نەق مەيداندا تۇتۇلغان. شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزى (2019) 8223–نومۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە، دxxنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەر 100 مىللىلېتىر قان تەركىبىدە 157 مىللىگىرام ئىسپىرت بارلىقىنى باھالاپ بېكىتكەن.
يوقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە: يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋاپكار دxx قاتناش–تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن–نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن، جاۋابكارنىڭ بۇ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15–ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جاۋاپكار دxxxغا 1 ئايدىن يوقىرى 2 ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە 4000 يۈەن شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىپ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق. قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
xx ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : غەيرەت مەمەت
ئايۇپجان ئابلىمىت
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى
ئىزاھات :
(1) دېلو ئارخىبى بىر توپلام.
(2)«جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى»نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى .
(3) دەلىل–ئىسپات تىزىسى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论