欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

迪某某危险驾驶案起诉书

2021-09-22 尘埃 评论0

xx ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

xx ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ت  1-بۇلۇم،ج ئە (2020)xx-نومۇرلۇق

جاۋابكار xx، ئەر، ئۇيغۇر،xx-يىل x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: xx، يۇرتى xx ناھىيە، نوپۇستىكى تۇرۇشلۇق ئورنى: xx ناھىيە xxيېزا xx كەنىت x-گۇرۇپ x-نۇمۇر،xxمەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە،كەسپى:x،ماسسا،ئىلگىرى جازالانمىغان، 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى x ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن،2019-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۇنى قانۇن بۇيىچە كېپىللىكى بىكار قىلىنىپ 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۇنى تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان،ھازىر تۇرار جايىدا نازارات ئاستىدا.

xxناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى (2020) xx-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان جاۋاپكارxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دىلوسىنى مەھكىمىمىز قوبۇل قىلغاندىن كېيىن جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى، ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ بۇ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. جاۋابكار بۇ دىلونى تىز ھۈكۈم كىسىم قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار xx 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەر سائەت 01:10 ئۆتكەندە ھاراق ئىچىپ نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتو سىكىلىتنى مىنىپ xx يولىدا شىمالدىن-جەنۇپقا قاراپ ھەيدەپ xxبازىرى چوڭ xx كۇچا ئېغىزىغا كەلگەندە xxنىڭ xx يولىدا شەرىقتىن-غەرىپ يولىنىشىدە ھەيدەپ كىلۋاتقانxx نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتو سىكىلىتى بىلەن سۇقۇشۇپ كەتكەندىن كىيىن يولدا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرپىدىن تەكشۇرۇپ ھاراق ئىىپ  قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى ئىنىقلىنىپ نەق مەيداندا تۇتۇلغان.

شنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى ئىسپاتلارنى ئەدىلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2018) xx-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا: جاۋابكار xxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 92.21 مىللىگىرام ئىسپىرىت بار دەپ يەكۈن چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ـ ئىسپاتلاردىن:                   

1›يازما ئىسپات 2›گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى 3›جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 4›باھالاش پىكىرى 5› نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرسى، خەرىتىسى ۋە جىنايى ئىشلار فوتو سۈرەت 6›ئۈن- سىن ماتىريالى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئېتىراب قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز، جاۋابكار xxنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ،ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش كىنىشكىسى يوق تۇرۇپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئسىپاتى تۇلۇق. خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك؛ جاۋابكار جىنايىتىنى تۇلۇق ئېتىراپ قىلىدۇ، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان. جاۋابكار xxغا 1 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ، قۇشۇمچە جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بىرىش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.جاۋابكار xxغا«جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 172-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللۇنۇپ ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن تەكلىپ بېرىمىز.

ھورمەت بىلەن:

xx ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

باش تەپتىش:xx

                     ياردەمچى تەپتىش:xx

xx-يىلى xx-ئاينىڭxx-كۈنى

   قوشۇمچە : (1) 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر توپلام رازۋىتكا دېلوسى،بىر پارچە جاۋاپكارنىڭ سوراق دىسكىسى،ئىككى پارچە دىلودا ماتىريال دىسكىسى بىرگە يوللاندى. (2) جاۋاپكار xx ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top