توقسۇن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
توقسۇن تەپتىش 1-بۈلۇم ئەيىپلەش[2020] 67-نومۇرلۇق
توقسۇن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار ئە** ، ئەر، ئۇيغۇر،**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 652123********2558، ئالى تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: شوپۇر، سىياسى قىياپىتى: ئامما، نوپوسقا ئېلىنغان جايى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازار ** كەنىت **-نۇمۇر قوشۇمچە **-نۇمۇر؛ بۇرۇن جازالانمىغان.
جاۋاپكار ئە** خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019- يىلى 11- ئاينىڭ 16- كۈنى توقسۇن ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىللككە بېرىلگەن.2020- يىلى 05- ئاينىڭ 15- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.
توقسۇن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار ئە**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 05–ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلو ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز بېكىتكەن دېلو پاكىتى ۋە دەلىل- ئىسپاتلار:
2019-يىلى 07-ئاينىڭ 07-كۈنى سائەت 04:36لەر ئەتراپىدا، جاۋاپكار ئە** ** ناھىيە ** بازار ** كەنتىگە جايلاشقان ئۆزىنىڭ ئۆيىدە دوستى ھا** بىلەن ئولتۇرۇپ ھەر بىرى ئۈچ پوتولكىدىن پىۋە ئىشكەندىن كىين جاۋاپكار ئە** ئۆزىنىڭ 新K**نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنسىنى ھەيدەپ ** ناھىيە ** يولىغا كەلگەندە ماشىننى پىيادىلەر يولىغا توختىتىپ قويۇپ ماشىندىن چۈشۈپ يولنىڭ ياقىدا ئۇخلاپ قالغان شۇ ئارىدا يولدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارغان ئېغىر تىپتىكى يېرىم پرىتسېپلىق سۆرىگۈچى ئاپتىموبىل جاۋاپكار ئە**نىڭ سول قولىنى دەسسەپ ئۆتۈپ كەتكەن، ئشىتىن كىيىن جاۋاپكار ئە** 新K** نۇمۇرلۇق ماشىنسىنى ھەيدەپ **-نۇمۇرلۇق خەلىققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىغا بېرىپ دېلو مەلۇم قىلغان، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار جاۋاپكار ئە**نىڭ يېڭى قان ئەۋرىشكىسىنى ئەدىليەلىك تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن.
2019-يىلى 07-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك تەكشۈرۈش باھالاش مەركىزىنىڭ [2019] **-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدىن جاۋاپكار ئە**نىڭ ھەرml 100 قېنىنىڭ تەركىبىدە 103mg ئالكوگىل مىقدارى بارلىقىنى باھالاپ بېكىتتى.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:
دېلو قۇبۇل قىلىشنى تىزىملاش جەدىۋىلى، دېلو تۇرغۇزۇش قارارى، نوپوس ئىسپاتلىقى، دېلونىڭ پاش بۇلۇش جەريانى قاتارلىق يازما ئىسپاتلار؛ جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرنامىسى قاتارلىقلار بار .
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋاپكار ئە** شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار ئە**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133–ماددىسىنىڭ بىرىنچى مەزمۇنىغا خىلاپ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راست بولۇپ، جاۋاپكار ئە**نى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. جاۋابكار ئە** جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىنى تەدبىقلاشقا تىگىشلىك بولۇپ، جاۋابكارغا 1 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ،2ئاي كىچىكتۇرۇش قوشۇمچە 2000 يۈەن شتراف قويۇش تەكلىپى بېرىمىز. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسى، 214-ماددىلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: رەيھانگۈل كىرەم
2020-يىلى 05-ئاينىڭ 25-كۈنى
قۇشۇمچە:
1.جاۋاپكار ئە** ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.
2.دىلو ج خ توپلىمى بىر توپلام، تەپتىش توپلام بىر توپلام بىرگە يوللاندى.
3.«جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى » 1 نۇسخا بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论