پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
پىچان تەپتىش 1-بۈلۈم ج ئى ئە چىقىش (2021) 24-نومۇرلۇق
پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار: پ** ، ئايال، ئۇيغۇر ، **19 -يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:652122**3766،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئادىرىسى: پىچان ناھىيە ** يېزا ** كەنت **- گۇرۇپپا،ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى:پىچان ناھىيە ** يېزا ** كەنت **- گۇرۇپپا ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان،ئىلگىرى جازالانمىغان . ئۇغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن ،2020-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن .
پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار پ**نىڭ ئۇغۇرلۇق دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021- يىلى 1- ئاينىڭ 6-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى قاتارلىق بەھرىمان بولىدىغان ھوقوق- مەجبوريەتلېرىنى ئۇقتۇردۇق، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لەر ئەتراپىدا، جاۋاپكار پ** پىچان ناھىيە ** يېزا ** كەنت ** بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى شۆ** يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنى سىتىش بۆلىمىدە تازلىق قىلۋاتقان ۋاقىتتا ،خوجايىنى شۆ**نىڭ دۇكاندا يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ،شۆ**نىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ بىر دانە ئالتۇن زەنجىر ، بىر دانە ئالتۇن بىلەيزۈك ، بىر دانە ئالتۇن قاشتىشى (金镶玉) ، بىر دانە ئاق ئالتۇن زەنجىر ، بىر دانە ئاق ئالتۇن بۇلاپكا ،بىر تىزىق يىشىل تاش قاتارلىق زىبۇ-زىننەتلەرنى ئوغۇرلاپ ئىلۋالغان.پىچان ناھيىلىك مال باھاسىنى بىكىتىش مەركىزى ئۇغۇرلانغان زىبۇ-زىننەتلەرنىڭ باھاسنى 11300يۈەن دەپ بىكىتگەن .(زاڭ مال ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى).
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2.زىيانغا ئۇچۇرغۇچىنىڭ بايانى ؛3.گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛4.جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 5. نەق مەيدان ئىنىقلاش ،تەكشۈرۈش خاتىرە ،خەرىيتە ۋە سۈرەتلېرى،تۇنۇتۇش خاتىرىسى؛6.ئاڭلاش-كۆرۈش ماتىرىيالى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار پ**نىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار پ**نىڭ دۆلىتىمىز قانونلېرىنى كۆزگە ئىلماي، قانونسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە ، يۇشۇرۇن ھالدا زىيانلانغۇچىنىڭ ياتاق ئۆيىدىن بىر دانە ئالتۇن زەنجىر ، بىر دانە ئالتۇن بىلەيزۈك ، بىر دانە ئالتۇن قاشتىشى (金镶玉) ، بىر دانە ئاق ئالتۇن زەنجىر ، بىر دانە ئاق ئالتۇن بۇلاپكا ،بىر تىزىق يىشىل تاش قاتارلىق زىبۇ-زىننەتلەرنى ئوغۇرلاپ ئىلۋالغان قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھوريىتى جىنايى ئىشلار قانونى» نىڭ 264-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ قىلمىشىدىن ئۇغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋاپكار پ** جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ ،جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىى 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.مەھكىمىمىز جاۋاپكار پ**نىڭ ئۇغۇرلۇق جىنايىتىگە مۇددەتلىك 10ئايلىق قاماق جازاسى بېرىپ ،جىنايى جازاسىنى كېچىكتۈرۈش ،قۇشۇمچە جەرىمانە قۇيۇش جازا تەكلىپىنى بېرىدۇ .
جاۋاپكار پ**نىڭ ئۇغۇرلۇق جىنايىتى دېلوسىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ئابلىتىپ ئھسساق
تەپتىش ياردەمچىسى : ئايجەننەت ھىمىت
2021-يىلى1-ئاينىڭ 31-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋاپكار پ** ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە،تېلىفۇن نومۇرى:153**،يۇلدىشى :153**.
2. ج خ دىلو ئارخىپى 2 توپلام، تەپتىش دىلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىپنامە 10 نۇسخا ،ئۈن -سىن دېسكىسى 2دانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
3. «جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» بىر پارچە،دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论