شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2019) 3384 -نومۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار تxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1978-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxx6529011978، تۇللۇق ئوتتۇا مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، تىجارەتچى، xx شەھەر xx يولى xx-نۇمۇر xx-گۇرۇپ xx رايۇن xx-كوچا xx -نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى xx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.
xx شـەھـەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكـۇر دېلـونى تەھـقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، (2019)691- نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقى بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار تxx 2019- يىلى 5- ئاينىڭ 4- كۈنى سائەت 30:23لار ئەتراپىدا xx شەھەر xx يېزا xx-كەنىتتىكى رېستۇراندا ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، باشقىلارغا ئۆزىنىڭ 新NBxxxx نۇمۇرلۇق ماشنىسىنى ھەيدىگۈزۈپ xx ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئالدىغا كەلگەن، ئاندىن جاۋاپكار تxx xx ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئۆيىگە قايىتماقچى بۇلۇپ xx ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان 新NBxxxxنۇمۇرلۇق ماشنىسىنى ھەيدەپ ماڭغاندا ماشنىنىڭ چاقى كارىزغا چۈشۈپ كەتكەن، جاۋاپكار تxx ماشنىنى كارىزدىن چىقىرالماي تۇرغاندا شۇ ئەتىراپتا چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان.
شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسسى ماددى ئىسپات باھالاش ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 2468-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە، جاۋاپكار تxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 184.96مىللىگىرام (mg/100ml184.96) دەپ بىكىتىلگەن.
يۇقارقى پاكىتىنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار تxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق. خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋابكار تxx قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلدى ھەم جازاغا قايىل بولدى، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا، 176-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق.
تەپتىش : نxx
مۇۋەققەت تەپتىش : دxx
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى
ئىزاھات :
1. جاۋابكار ئائىلىسىدە كىپىللىكتە، تىلفۇن نۇمۇرى: xxxx1529252.
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论