欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(吐某某危险驾驶案)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020)  976-نومۇرلۇق 

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار تۇXX ، ئەر، ئۇيغۇر، XX ياش، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 6529011973XXXXXXXX، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى XX ئولتۇراق رايونى XX-بىنا XX-كۇرپۇس XX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، شوپۇر ،پارتىيە ئەزاسى ئەمەس ، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 11–ئاينىڭ  27-كۈنى  خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە  كېپىلىكىگە بېرىلگەن.

ئـاقسـۇ شـەھـەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكـۇر دېلـونى تەھـقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، (2020)1511-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق  مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقى بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۇنى سائەت 01:20لەر ئەتراپىدا جاۋابكار تۇXX ئاقسۇ شەھەر XX تەرەپتىكى بىر دۇكاندا ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ،چىقىپ شۇ ھاراق دۇكننىڭ ئالدىغا تۇختۇتۇپ قۇيغان 新NXXXXنۇمۇرلۇق ماشىنىنى مەس ھالەتتە 0.5مىتىر ھەيدەپ ،ماشىنىنى كەينىگە ياندۇرۇپ تۇرۇشغا ، شۇ ئەتراپتىكى چارلاش ۋەزىپىسى ئىلىپ بىرىۋاتقان  ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقلىق ،  جاۋابكار  تۇXXنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ، ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى  قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى جاۋابكار  تۇXXنىڭ ھاراق ئىچىپ، ماشىنا ھەيدىگەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ،  قان ئەۋرىشكىسىنى تېخنىكىلىق باھالاشقا يوللىغان، نەتىنجىدە جاۋابكار  تۇXXنىڭ ھەر    100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتىدارى287.32 مىللىگىرام (  mg/100ml287.32) بۇلۇپ،  مەس ھالەتتە ماشىنا ھەيدىگەن.

يۇقارقى پاكىتىنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار تۇXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق ،جاۋابكارتۇXX قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلدى ھەم جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. جاۋابكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا بىرىنچى مەزمۇن، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بۇيىچە خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا، 214-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق.

باش  تەپتىش :  ئاXX

            مۇۋەققەت تەپتىش : ئاXX

                   2020-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى

ئىزاھات : 

1.​ جاۋابكار ئائىلىسىدە كىپىللىكتە، تىلفۇن نۇمۇرى: XXXX 1500300

2.​ 8 نۇسخا  ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top