شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش (2019) 237 -نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار مxx، ئەر، ئۇيغۇر، 32ياش، كىملىك نومۇرى: ******** 65292219، تۇرۇشلۇق ئادرېسى: شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيە **، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، كەسپى شوپۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020–يىلى 1–ئاينىڭ 19–كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەمدە ئاقلىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار مxx 2020-ييىلى 01-ئاينىڭ 14-كۇنى سائەت 10:00 لەردە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاقسۇ شەھەر ** KTV نىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان新NT**** نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ كەينىگە ياندۇرۋاتقاندا شۇ يەرگە توختۇتۇپ قويغان بىر ماشىنىنى سۇقۇپ قويغان. ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكار مxxنى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن دەپ گۇمانلىنىپ قېنىنى ئېلىپ تېخنىكىلىق باھالاشقا يوللىغاندا 100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتىدارى200.88مىللىگىرام بولۇپ ( mg/100ml200.88) مەس ھالەتتە ماشىنا ھەيدىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، يازما ئىسپات، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار مxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133– ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جاۋاپكارنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق.
جاۋابكار مxx قىلمىشىنى تۇلۇق ئىقرار قىلىپ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلىدى ۋە بېرىلىدىغان جازاغا قايىل بولدى، شۇڭا خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن 4 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ ، قۇشۇمچە 8000 يۈەن ئىشتىراق قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا، 172-ماددا، 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللۇنۇپ قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ئالىمجان ئېزىز
تۇرسۇنئاي ئەخمەت
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە، ئالاقىلىشىش نۇمىرى: xxxxxxxx152.
1. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论