شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئى ر ت ئە چىقىش (2019) 404- نومۇرلۇق
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار ن****، ئايال، ئۇيغۇر، 1992-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********1992652101، نۇپۇستىكى ئادرېس: تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايونى ** بازار ** كەنت **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيە سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن كېپىلگە بېرىلگەن.
ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ن****نىڭ ئوغرىلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 04-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلسا كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدىغان تۈزۈمنى قوللىنىلغاندىن كىيىنكى قانۇنىي ئاقىۋەتلەرنى ئۇقتۇرۇپ، جاۋابكار بىلەن ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ ۋە جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە :
2018-يىلى 11-ئايلار مەزگىلىدىن 2019-يىلى 02-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا جاۋابكار ن**** زىيانلانغۇچى گ****نىڭ ئۈندىدار مەخپىي نومۇرىنى ۋە ئۈندىدار ئارقىلىق پۇل تۆلەش مەخپى نۇمۇرىنى بىلىۋېلىپ ھەرقىتىم بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقىتتا گ****تىن يوشۇرۇنچە تىلىفۇنىنى ئىشلىتىپ ئۈندىداردىن ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغا ئالدى كەينى بولۇپ جەمئىي 25000 يۈەن پۇلىنى يۆتكەپ ئوغۇرلاپ كېتىپ، پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكار ئوغۇرلاپ كەتكەن پۇلنى تۆلەپ قايتۇرغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى : جاۋاپكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى؛ جاۋاپكارنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلغاندىكى بايانى ۋە ئىقرارلىرى، زىيانلانغۇچىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش بايانى، ئۈندىدار ھېسابات خاتىرىسى، تۇنۇتۇش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋابكار ن****نىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، باشقىلارنىڭ پۇلىنى يوشۇرۇنچە ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق. جاۋابكارنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى›› نىڭ 264-ماددىسى، 67-ماددىسى 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە جازالاش كېرەك. جاۋابكارغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى ئىككى يىل ئالتە ئايدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش، قوشۇمچە شىتراف قويۇشنى تەكلىپ قىلىمىز. شۇڭا، جاۋابكار ن****نى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش : رابىگۇل تۇرسۇن
2019- يىلى 12-ئاينىڭ 04-كۈنى
قوشۇمچە :
1. بۇ دېلو 3 توپلام بەت.
2. جاۋابكار ن**** كېپىلدە.
3. بىر دانە ئۈن-سىن پىلاستىنكىسى بىلەن 8 پارچە ئەيىبنامە بىرگە يوللاندى.
4. بىر نۇسخا تۆۋىنامە قوشۇپ يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论