شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1- بۇلۇم ئەيىپلەش (2021) 14-نۇمۇرلۇق
جاۋابكار م**،ئەر، ئۇيغۇر،**ياش، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 652925*******0710، دېھقان، تو** ناھىيىسىدىن، پ**يېزا ** كەنت **-گوروپ **-نومۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق. ئىلگىرى جازالانمىغان. 20**_يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بۇيچە بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.
جاۋابكار مە** ئوغۇرلۇق جىنايەت دېلوسىنى توقسۇ ناھيلىك ج خ ئىدارىسى 20**-يىلى ** -ئاينىڭ **-كۈنى (2021) 43-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدى، دېلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرنى تەكشۈردى.
مەھكىممىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك پاكىتلارنى ئېنىقلىدى.
جاۋابكار مە**2020-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى چۇشتىن كىيىن زىيانلانلانغۇچى ئىزىز ياسىن بىلەن بىرگە توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار ئىچىدە ئۇچۇرۇشۇپ قىلىپ بىرگە ھاراق ئىچمەكچى بۇلۇپ توقسۇ بازىرىدىكى جىيامى مال سىتىۋىلىش مەيدانىدىكى ”ئاقسوڭەكلەر قەھۋەچانىسى “ غا كىرىپ بىر پوتولكا ئاق ھاراق ئىچكەن ۋە دوسىتغا تىلفۇن ئۇرماقچى بۇلۇپ ئى*** يان تىلفۇنىسىنى ئارىيەت بىرىپ تۇرۇشنى ئىيتىپ ئى** VIVO S5 ماركىلىق يان تىلفۇنسىنى ئېلىپ تېلغۇننىڭ مەخپى نۇمۇرنى سورۋالغاندىن كېيىن قەھۋەخاننىڭ سىرتغا چىقىپ دوستىغا تىلفۇن قىلىپ ئۇلانمغاندىن كىيىن تىلفۇندىكى ئۇچۇر كوزنىكىدىن ئ** ئۇندىدارىغا باغلانغان سودا سانائەت بانكىسىنىڭ كارتىسدا 3995يۇەن پۇل بارلىقىنى كۇرۇپ پۇلنى ئوغۇرلىۋېىلىش مەقسىتىدە،ئى*** يانفۇنىسىنى ئىلىپ ئۇزى يالغۇز جىيامى مال سىتىۋىلىش بازىرىدىن ئايىرىلىپ تاكسغا ئولتۇرۇپ توقسۇ ناھىيە مەنىزە كول ئولتۇراق رايۇنغا بىرىپ ئ** سودا سانائەت بانكا كارتىسىدىكى پۇلنى شۇ ئەتىراپتكى سودا دۇكانلىرغا كىرىپ قىزىل بولاققا نەق پۇل ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق دۇكاندارلارنىڭ”ئككلىك كودنى“ سىكانىرلاپ پۇل ئىتىپ بىرىپ ئى*** ئۇندىدارىنىڭ ئىلكتۇرۇنلۇق ھەميانغا چۇشۇرگەن 3995يۇەن پۇلنى نەق پۇلغا ئالماشتۇرغاندىن كىيىن 500يۇەن نەق پۇلنى خا**، 1000يۇەن نەق پۇلنى ئا** ساقلاپ بىرشىگە بەرگەن، 2485يۇەن پۇلنى چەجلەپ تۇگەتكەن،دىلو پاش بۇلغاندىن كېين زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى پاكىتلارنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تۇلۇق بۇلۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ.
مەھكىممىز، جاۋابكار مە** يۇقارقى قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋابكار مە** «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ نىڭ264-ماددا،67- ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بىرىش زۇرۇر ، جاۋابكار مە** 3ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى قۇشۇمچە 2000يۇەن ئىشتىراپ قۇيۇش جازاى بېرىش توغىرسدا تەكلىپ بېرىمىز،شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : نۇرمەمەت ۋاھىت
تەپتىش : ئەمەر قادىر
2021-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى
قۇشۇمچە : ① جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . ② 2 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论