شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2019) 581-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
1.جاۋابكار ئ**،ئەر،ئۇيغۇر،37ياش،1982-يىلى2-ئاينىڭ21-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 0715******** 652925،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، توقسۇ ناھىيە پ** يېزا چ**كەنت*-گوروپ*-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق،دېھقان،2010-يىلى توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن زەھەرلىك چىكىملىك(نەشە)ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك2 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ3يىل كىچىكتۈرۈش جازاسى بېرىلگەن،2019-يىلى8-ئاينىڭ24-كۈنى زەھەرلىك چىكىملىك(نەشە)ئېلىپ سېتىش جىنايەت گۇمانى بىلەن توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
2.جاۋابكار م**،ئەر،ئۇيغۇر،26ياش،1993-يىلى10-ئاينىڭ19- كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى071X: ********652925،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنيەت سەۋىيسىگە ئىگە،توقسۇ ناھىيە پ** يېزا پ** كەنت*-گوروپ 14-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق،دېھقان،2016-يىلى8-ئايدا زەھەرلىك چىكىملىك (نەشە)ساقلىغان قىلمىشى ئۈچۈن توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن 10كۈن مەمۇرىي جەھەتتىن توختۇتۇش جازاسى بىرىلگەن. 2019-يىلى8-ئاينىڭ24-كۈنى زەھەرلىك چىكىملىك(نەشە)ئېلىپ سېتىش جىنايەت گۇمانى بىلەن توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
جاۋاپكار ئ**،مە*نىڭ زەھەرلىك بۇيۇم (نەشە)ئېلىپ–سېتىش جىنايەت دېلوسىنى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، (2020)15-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق.جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق،دېلودىكى بارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق.قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئېنىقلىدى:
جاۋابكار م** 2019-يىل8-ئاينىڭ17-كۈنى توقسۇ ناھىيە پ** يېزا چ** كەنت*-گوروپ*-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ئ**مىندىن 2بولاق زەھەرلىك چىكىملىك(نەشە)نى سېتۋېلىپ 3-نومۇرلۇق ئاگنىتقا 200يۈەنگە سېتىپ بەرگەن،2019-يىل8-ئاينىڭ23-كۈنى يەنە بىر قېتىم م** پەيشەنبازار يېزا چ** كەنت*-گوروپ2-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ئ**دىن 600يۈەنگە7بولاق زەھەرلىك چىكىملىك(نەشە)نى سېتۋېلىپ،400يۈەن پايدا ئېلىپ1000يۈەنگە3-نومۇرلۇق ئاگنىتقا سېتىپ بەرگەن، جاۋابكار م**ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغاندىن كىيىن 3-نومۇرلۇق ئاگنىتقا سېتىپ بەرگەن يەتتە كىچىك بولاق توپا رەڭلىك ئۇنسىمان بۇيۇم ۋە 400يۈەن نەق پۇل بىلەن قولغا چۈشكەن،ھەم داۋاملىق توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار يېزا چوڭقېچىچى كەنت2-گوروپ2-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق ئ**نىڭ ئۆيىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق،ئ**نىڭ ئۆيىدىن 600يۈەن نەق پۇل ۋە ياتاق ئۆينىڭ كارۋاتنىڭ ئاستىدىكى چاي قۇتىسىنىڭ ئىچىگە يۇشۇرۇپ قويغان 30 كىچىك بولاق توپا رەڭلىك ئۇنسىمان بۇيۇمنى قولغا چۈشۈرگەن،جىڭلاش ئارقىلىق جاۋابكار م**3-نۇمۇرلۇق ئاگىنىتقا ساتقان يەتتە بولاق توپا رەڭلىك ئۇنسىمان بۇيۇمنىڭ ئېغىرلىقى9.6 گىرام،**نىڭ ئۆيىگە يۇشۇرۇپ ساقلىغان30 كىچىك بولاق توپا رەڭلىك ئۇنسىمان بۇيۇمنىڭ ئېغىرلىقى47 گىرام كەلگەن،جەمئىي قولغا چۈشكەن توپا رەڭلىك ئۇنسىمان بۇيۇمنىڭ ئۇمۇمى ئېغىرلىقى56.6 گىرام كەلگەن،جاۋاپكار ئۇبۇل مەمتىمىن،مەۋلان قاھارلار زەھەرلىك بۇيۇم(نەشە) بىلەن بىرگە قولغا چۈشۈرگەن.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپات باھالاش ئورنىنىڭ 2019- يىلى9-ئاينىڭ1-كۈنىدىكى(2019)88-نۇمۇرلۇق تەكشۈرۈش دوكلاتىدا؛ ئ**ىڭ ئۆيدىن قولغا چۈشكەن ھەم م**3-نۇمۇرلۇق ئاگىنىتقا سېتىپ بەرگەن 1-20193088،2-20193088 نۇمۇرلۇق توپا رەڭلىك ئۇنسىمان بۇيۇم تەركىۋىدە نېشە تەركىۋى بارلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات،گۇۋاچىنىڭ گۇۋالىقى،باھالاشنامە، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش خاتىرسى،ئۈن-سىن ماتىريالى،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق،دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ:جاۋاپكار ئ**،م**نىڭ قىلمىشىدىن زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى شەكىللىندۇ.جاۋاپكار ئ**گە«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347-ماددا،،67-ماددا3-تارماق،68-ماددا بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر،جاۋاپكار ئ** 3 ئايدىن يۇقىرى6ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش،قۇشۇمچە 1000يۈەندىن يۇقىرى 3000 يۈەندىن تۆۋەن ئىشتىراپ قۇيۇش جازاسى بىرىش،جاۋاپكار م**«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ347-ماددا،67-ماددا3 -تارماق،68-ماددا بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر،جاۋاپكار م**1 ئايدىن يۇقىرى3ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى،قۇشۇمچە 500يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە ئىشتىراپ قۇيۇش جازاسى بىرىش توغىرسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىمىز،شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق،قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
تەپتىش :ھەمدۇللا قاسىم
تەپتىش: ئۆمەر قادىر
2019-يىلى12-ئاينىڭ 26-كۈنى
قۇشۇمچە :
1› جاۋاپكارلار ھازىر ئائىلدە .
2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام.
3› 14 پارچە ئەيىپلەشنامە، بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论