乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2021〕86号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۇ ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبنامە (2021) 86-نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار م x، ئەر، ئۇيغۇر، x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى x، ئۇچتۇرپان ناھىيە xيېزا x-كەنىت x-مەھەلە x-نومۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ساۋاتسىز، دېھقان، 1998-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 10 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان، 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك يەتتە يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى، قوشۇمچە 25 مىڭ يۈەن شىتىراپ قويۇشقا ھۈكۈم قىلىنىپ، 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار م xنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت
جاۋابكار م x 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 21:30 ئەتراپىدا ئىلىكتىر، ئارغامچا ئېلىپ ئۆزىنىڭ xچاقلىق موتسىكىلىتىنى ھەيدەپ، xيىزا x-كەنىتنىڭ xتەرىپىدىكى سايغا چىقىپ موتسىكىلىتىنى يولغا توختىتىپ قويۇپ، xيىزا x-كەنىت x-مەھەللە تەرەپتىكى سايدىكى قوتانغا كىرىپ، قول چىراقنى ياندۇرۇپ زىيانلانغۇچى ئېxنىڭ 2250 يۈەن قىممىتىدىكى بىر تۇياق قوچقىرىنى تۇتۇپ، ئالدىن تەييارلاپ ئېلىپ كەلگەن ئارغامچا بىلەن باغلاپ، قوتاننىڭ دېرىزىسى ئارقىلىق قوينى قوتاننىڭ سىرتىغا ئېلىپ ئېلىپ چىقىپ، موتسىكىلىتىغا بېسىپ، xيىزا x-كەنىت x-مەھەللىدىكى ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۆيىدىكى پىچاق، پالتىنى ئىشلىتىپ قوينى بوغۇزلاپ سويۇپ، قوينىڭ گۆشىنى سۇلىياۋ تۇڭغا سېلىپ، قوينىڭ ئىچكى ئەزالىرى، بېشى، پاچىقى قاتارلىقلارنى قوينىڭ تىرىسىگە يۆگەپ ھويلىسىغا يۇشۇرۇپ قويغان.
دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلدى.
جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
يۇقارقى پاكىتلار ماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، نەق مەيدان ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار م xنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ قىممىتى كۆپرەك بولغان مۈلكىنى تۇيدۇرماي يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىىدن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋابكار ئىلگىرى ئوغرىلىق جىنايتى سادىر قىلىپ، مۇددەتلىكتىن يۇقىرى قاماق جازاغا ھۈكۈم قىلىنىپ، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە يەنە ئوغرىلىق جىنايىتى سادىر قىلغان بولۇپ، تەكرار جىنايەتچى ھېساپلىنىدۇ، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ئوچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكارغا «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 65-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك، جاۋابكارغا جىنايى قىلمىشىنىڭ ئىجتىمائى تەسىرى ۋە خەۋپى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلىقى قاتارلىق تەرەپكە ئاساسەن جىنايى جازا بېرىش كېرەك، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ
پۈتۈكچى: ئابدۇرۇسۇل ۋېلى
2021-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، ئىككى نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىپى، ئىككى توپلام تەھقىقلەش دېلوسى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسى يوللاندى.
(2) دېلو سادىر قىلىشتا ئىشلەتكەن بىر دانە ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىت، بىر دانە پىچاق، بىر دانە پالتا، ئارغامچا، بىر دانە ئىلىكتىر دېلو بىلەن قوشۇپ يوللاندى.
(3) جاۋابكار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ئالاقىلىشىش نومۇرى x، x.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论