شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامسى
ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2019) 2286 -نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار مXX، XX، ئۇيغۇر، 27 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529011991XX، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان، توختۇتۇپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XX يېزا XX-كەنىت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 8–كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىنغان، ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى (2019) 377-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ، جاۋاپكارغا ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھۇقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى تاڭ سەھەر سائەت 3:30لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار مXX ئۆزى يالغۇز ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، ئاقسۇ شەھەر XX يېزا XX بازار (XX يېزا XX-كەنىت XX-گۇرۇپ تەۋەلىكىدە) دىكى زىيانلانغۇچى مXXنىڭ بىرلەشمە تېلىگىراف تىجارەت زالىغا ئوغۇرلۇققا كىرىپ، دۇكان ئىچىدىن 10940يۈەن قىممىتىدىكى 14تال تېلغۇن، 155يۈەن نەق پۇل ۋە بىر دانە 270يۈەن قىممىتىدىكى كۆزۈتۈش ئاپىراتىنىڭ ساقلاش ئۈسكىنىسى قاتارلىق بۇيۇملارنى ئوغۇرلىغان.
جاۋابكار مXX 11210يۈەن قىممىتىدىكى تېلغۇن ۋە كۆزۈتۈش ئاپراتىنىڭ ساقلاش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق بۇيۇملار ھەمدە 155يۈەن نەق پۇل ئوغۇرلىغان بۇلۇپ، دىلو پاش بولغاندىن كېيىن 14تال تېلغۇن ۋە 155يۈەن نەق پۇل ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىلارنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش -تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل - ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار مXXنىڭ پۇقرالارنىڭ مال-مۈلىكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق. مىقدارى كۆپرەك، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمسىگە ئاساسەن قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق.
تەپتىش : پەرھات چۇۋار
مۇۋەققەت تەپتىش: ئابدۇسالام تۇرسۇن
2019- يىلى 5–ئاينىڭ 7-كۈنى
ئىزاھات:
(1) جاۋاپكار مXX ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق
(2) 8 نۇسقا ئەيىبنامە،جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى ۋە بىر دېسكا بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论