欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(麦某某盗窃案认罪认罚)(公开版)

2021-09-25 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۈ ش ت ت 1-بۆلۇم ج ئە چىقىش (2021) 1–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

     جاۋاپكار مە**  ، ئەر، ئۇيغۇر، 1989-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى   تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ******** 6531011989، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن:**شەھىرى ** كومىتىتى ** كوچىسى **-نۇمۇر **-نۇمۇر .ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى** رايۇنى **يولى **-نۇمۇر **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇر.2011-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىق ج خ ئىدارىسى سايۋاغ رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن ئوغىرلىق قىلمىشى بىلەن 15كۈن مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلغان.2019-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى  ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن  تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار مە**نىڭ ئوغۇرلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 1–ئاينىڭ 8-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە  جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

     2019-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى چۇشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 4لەر بىلەن جاۋابكار مە**، ** رايۇنى ** يىنىك سانائەت بازىسىغا دوستىنى ئىزدەپ بېرىپ  تېلفۇنىنى توكقا چېتىۋېلىش مەقسىتىدە** مېھمانخانىسىنىڭ **-قەۋەت **-نۇمۇرلۇق** نوركا چاپىنى دۇكىنىغا كىرىپ تېلفۇنىنى توكقا چېتىپ قويۇپ، ئايالىنى ساقلاش باھانىسى بىلەن دۇكاندا بىر سائەتتەك ئولتۇرۇپ دۇكاندىكى قىزنىڭ كىيىملەرگە دەزمال سېلىۋاتقان پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ 5450يۇەن قىممىتىدىكى بىر دانە ئاق رەڭلىك ئايالچە نوركا چاپاننى  قوينىغا سېلىپ ئوغىرلاپ چىكەتكەن.ئەتىسى قىز دوستى بىلەن كۆرۇشۇپ نوركا چاپاننى قىز دوستىغا سوغا قىلىۋەتكەن.دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زاڭ مال قايتۇرۇپ كېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن.

   جاۋابكارمە**   2020-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ** شەھىرى ** رايۇنى ** يولى **-نۇمۇر **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇرلۇق ئۆيدىن  تىيانشان رايۇنلۇق ج خ شۆبىسى 5-ئەترەت تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: جاۋابكارمە**نىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛

2.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛

3. جاۋابكار مە**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار:جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى؛ دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنى، ، تونۇتۇش خاتىرىسى، 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكارمە**نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، شەخسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مېلىنى يوشۇرۇن ئوغىرلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                                                        تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن 

                                 تەپتىش ياردەمچىسى:سەمى سەمەت   

2021–يىلى 1–ئاينىڭ 11–كۈنى

ئەسكەرتىش:

1  .جاۋابكار ھازىر تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان؛

  2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش ماتىرىيال توپلىمى2 توپلام بىرگە يوللاندى؛

  3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش تەكلىبى ۋەجازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى؛

  4.جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى؛

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top