乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕615号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۇ ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىبلەش (2020) xx-نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار مەxx، ئەر، ئۇيغۇر،-xx يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:xx، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن، ئۇچتۇرپان ناھىيەxx بازىرى xx-كەنىت xx-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى رىمنۇتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇيۇش جىنايىتىگە چېتىشىلىق دەپ قارىلىپ ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار مەxxنىڭ سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇيۇش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىدۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكار بىلەن نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار مەxx 2020–يىلى 4–ئاينىڭ 21–كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 15:20 ئەتراپىدا، يۈxxىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيە ئىماملىرىم بازىرى xx–كەنىت xx–مەھەللىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رىمۇنىت قىلىش دۇكىنىدا رىمۇنىتچىلىق قىلىۋاتقاندا، جۈxx يۈxxغا تىلفۇن قىلىپ توپا ئۇسۇش ماشىنسىنىڭ بۇزۇلۇپ قالغانلىغىنى، رىمۇنىت قىلىپ بىرىشنى دىگەن. يۈxx جۈxxغا دۇكانغا بېرىپ جاۋابكار مەxxنى ئاپىرىشنى دىگەندە، جۈxx يۈxxنىڭ دۇكىنىغا بېرىپ جاۋابكار مەxxنى ئېلىپ، تۇپا ئۇسۇش ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى يەنى زىيانلانغۇچى داxx قاتارلىقلار بىلەن بىرگە، ئىماملىرىم بازىرى xx–كەنىت xx– مەھەللىدىكى تۇپا ئۇسۇش ماشىنىسى بۇزۇلۇپ قالغان يەرگە بارغان، زىيانلانغۇچى داxx تۇپا ئۇسۇش ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ كۆرىكى (تەڭلىسى) نى ئۈستىگە كۆتۈرۈپ بەرگەندىن كىيىن پەسكە چۈشۈپ چاقنىڭ قېشىدا تۇرغان، ماشىنا ئىگىسى جۈxx بولسا ماشىنىنىڭ ئۈستىدە سول تەرەپنىڭ كۆرۈش ئەينىكىنى ئالماشتۇرۇش ئىشنى قىلىپ تۇرغان.جاۋابكار مەxx توپا ئۇسۇش ماشىنىسنىڭ ئاستىغا كىرىپ سىلىقلاش مېيى ئاققان يەرنى ئوڭشاش جەريانىدا، توپا ئۇسۇش ماشىنىسىنىڭ كۈرىگىنىڭ بىر تال لوسىسىنىڭ بوشاپ قالغانلىغىنى بايقىغان ھەم يۇقارقى لوسىنى چىقىرۋەتسە تۇپا ئۇسۇش ماشىنىسىنىڭ كۆرىكىنىڭ يەرگە چۈشۈپ كېتىدىغانلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئەتراپتىكىلەرگە چەتتە تۇرۇش ئاگاھلاندۇرۇشى بەرمەي ھەم كۈرەكنىڭ ئاستىدا ئادەم بار-يوقلىغىغا دىققەت قىلمايلا بوشاپ كەتكەن لوسىنى چىقارغاندا توپا ئۇسۇش ماشىنىسىنىڭ سىلىقلاش ماي تۇربىسىدىن سىلىقلاش مېيى ئېتىلىپ چىقىپ، جاۋابكار مەxxىڭ يۈز–كۆزلىرىگە چاچىراپ كىتىپ، جاۋابكار مەxx دەرھال ئۆزىنى قاچۇرۇپ تۇپا ئۇسۇش ماشىنىسىنىڭ چاق تەرپىگە ئۈتىۋالغان، بۇ چاغدا تۇپا ئۇسۇش ماشىنىسىنىڭ ئىگىزگە كۆتۈرۈگلۈك كۆرىكى يەرگە چۈشۈپ كېتىپ، زىيانلانغۇچى داۋxxنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى قانۇن دوختۇرىنىڭ جەسەت تەكشۈرۈش باھالاشنامىسىدا «زىيانلانغۇچى داxxسىرىتىقى كۈچنىڭ تەسىرىدىن باش سۆڭىكى ئېغىر زەخمىلىنىپ ئۆلگەن» دەپ بىكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىغى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، تەكشۈرۈش-ئېنىقلاش خاتېرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەxx يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار مەxxىڭ سەۋەنلىك بىلەن باشقىلارنى ھاياتىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلغان قىلمىشىدىن سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇيۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق. جاۋابكارنى «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 233-ماددىسىدىكى بەلگىلمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ىگىشلىك. جاۋابكارغا جىنايى جازا ئۆلچىگەندە جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، جىنايىتىگە تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىشقا بۇلىدۇ. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن
پۈتۈكچى: گۇلجامال ئابدۇقادىر
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2)جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە، تىلفۇن نۇمۇرى xx
(3)(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论