欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(麦某某的危险驾驶罪案件)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-23 尘埃 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕625号 

   ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ            ئەيىبنامىسى

ئۇ ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىبلەش (2020) –نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار مەxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى xx. ئۇچتۇرپان ناھىيە xx ئولتۇراق رايۇنى xx-بىنا xx-كۇرپۇس xx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك xx ئىدارىسنىڭ خىزمەتچىسى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن. 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار مەxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار بىلەن نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دېلونى ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار مەxx 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 22:00 ئەتراپىدىن ئەتىسى سائەت 00:00 غىچە ئىماملىرىم بازىرى 5-كەنىت 1-مەھەللىدىكى ئاxxنىڭ ئۆيىدە ۋە xx-كەنىت كومىتېتى قېشىدىكى دۇكاندا ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، ئىماملىرىم بازىرى xx-كەنىت كومىتېتى ئالدىدىكى يولغا توختۇتۇپ قويغان ئىدارىسىنىڭ xx خەتلىك نومۇر تاختىسى ئېسىلغان ماشىنىنى مەسىت ھەيدەپ مېڭىپ (پىراۋىىسى بار)، ئۇچتۇرپان ناھىيە ئاقتوقاي يېزىلىك ھۈكۈمەت ئەتراپىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە، شۇ يەردىكى چارلاش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن بايقالغان.

شىنجاڭ خواتوڭ قاتناش ھادىسى ماددى بۇيۇملىرىنى ئەدىلىيلىك باھالاش ئورنى باھالاش دوكلاتىدا «جاۋابكار مەxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 267.27 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى  قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەxx مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار مەxxنىڭ ھاراق ئىچىپ مەسىت ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار. 3 ئاي 6 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 6000 يۈەن شىتىراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

 

تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن

پۈتۈكچى: ئالىم ئىمامنىياز

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى

 

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە، xx

(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top