شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020)277-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار م**، ئەر، ئويغۇر، ** ياش، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 0714 ********652925، تولۇق ئوتتۇرا مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ئىشچى، ت** ناھىيسىدىن ، ت** ناھىيە پ**بازار يېزا خ**كەنت **-گوروپ **-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار ئې**نى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2020) 160-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىقلاندى :
جاۋابكار م** 2020-يىل 6-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 19:00 ئەتراپىدا ، توقسۇ ناھىيە ئۆگەن يېزا غولئېرىق كەنت تەۋەسىدىكى ئارامگاھتا ئا**، م**قاتارلىقلار بىلەن ئولتۇرۇپ پىۋە ئىچكەندىن كىيىن ، سائەت 23:40 ئەتىراپىدا ئارامگاھنىڭ ئالدىغا توختىتۇپ قويغان 新N0171P نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ئا**ھەيدەپ، م**نى ياردەمچى شوپۇر ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇپ، توقسۇ ناھىيە شىمالىي سانائەت رايۇنىدىكى كوكۇس زاۋۇتىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويۇپ، ماشىننى كوكۇس زاۋۇتىنىڭ ئالدىغا توختىتۇپ قويۇپ قايتىپ كەتكەن. 6-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 2:40 ئەتىراپىدا، م**نىڭ خىزمەتدىشى م** تېلفۇن قىلىپ ئۆزىنىڭ توقسۇ بازار مەنزىرە كۆل رايۇنىدا ئىكەنلىكىنى كېلىپ ئېلىپ كىتىشىنى ئېيتقاندىن كېيىن، جاۋاپكار م** كوكۇس زاۋۇتنىڭ ئالدىغا توختىتۇپ قويۇلغان 新N0171P نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى مەس ھالەتتە پىراۋىلىق ھەيدەپ، شىمالدىن جەنۇبقا يۆنىلىش بويىچە يول يۈرۈپ، دۆلەت يولى 314-لىنيە 770 كىلومېتىر+800 مېتىرلىق ئورۇنغا كەلگەندە، يول ياقىسىغا چۈشۈپ كەتكەن. باشقىلار توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتى يانداق تەكشۈرۈش پونكىتىغا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىك توغرىسىدا دىلو مەلۇم قىلغان، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتى يانداق تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ساقچىللىرى ھادىسە نەق مەيدانىغا بېرىپ نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، م**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھەيدىگەنلىك قىلمىشىنى بايقاپ، توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) 2615-نۇمۇرلۇق ئەدىليىلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە: م**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 97 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ 652925202006068-نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدە: م** تولۇق مەسئۇليەت جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بېكىتىلگەن.
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش خاتىرسى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار م**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار م**گە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا 2 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 4000 مىڭ يۈەن ئشىتراپ قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
تەپتىش : مۇنىرە ئېلى
تەپتىش: ئۆمەر ئەمەت
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى
قۇشۇمچە :
1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام، 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论