شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 64-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار م**، ئەر،ئويغۇر،**ياش،****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 151X ********652925، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ئاشپەز ، توقسۇ ناھىيسىدىن، توقسۇ ناھىيە **يېزا ** كەنىت **-گوروپ ***-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2018-يىلى11 -ئاينىڭ 09 -كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن، 2019-يىل11-ئاينىڭ 09-كۈنى كېپىللىك ۋاقتى توشقانلىغى ئۈچۈن، كېپىللىكتىن بىكار قىلىنىپ 2019-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇرالغۇ جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.2019- يىلى 12-ئاينىڭ 7- كۈنى قايتا كېپىلگە بىرىلگەن .
جاۋاپكار م**نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، (2019) 69-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئېنىقلاندى:
جاۋاپكار م** 2018-يىل 06-ئاينىڭ 01-كۈنى سائەت 18 ئەتىراپىدا ، ئاغىنىسى پ** بىلەن بىرگە توقسۇ ناھيە **بازار ** ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئالدىدىكى سوغوق ئىچىملىك دۇكىنىدا ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىپ دۇكاندىن چىقىپ ، دۇكانىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان 新NU5512نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتىسكىلىتىنى ئۈزى يالغۇز پىراۋىسىز ھەيدەپ، توقسۇ ناھيە ** بازار ** كەنىت يۇلىغا چىقىپ غەربتىن –شەرق يۆلىنىش بۇيىچە يول يۈرۈپ، توقسۇ ناھىيە ** بازار** كەنىت كومتىتىنڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ ئەتىراپتا ۋەزىپە قىلۋاتقان توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىلىرى م** ھەيدىگەن ئىككى چاقلىق موتىسكىلىتنى تۇسۇپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، م**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىك قىلمىشىنى بايقاپ، م**نى توقسۇ ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2018)3068-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە؛ م**نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 88 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، گۇۋاچىنىڭ گۇۋالىقى، باھالاشنامە، ئۈن – سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار م**نىڭ قىلمىشىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار م**غا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا 2 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى قۇشۇمچە 4000يۈەن ئىشتىراپ قۇيۇش جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى بىرىمىز ، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
تەپتىش : مۇنىرە ئېلى
تەپتىش: ئۆمەر ئەمەت
2020-يىلى3-ئاينىڭ 24-كۈنى
قۇشۇمچە :
1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش ، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论