شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى
ئاراتۆرۈك ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئا ت ج ئى ئەيىبلەش (2020)41-نومۇرلۇق
جاۋاپكار مXX،ئەر،XX،**ياش ****-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق،كىملىك نومۇرى:65222********،نوپۇس تۇرۇشلۇق جاي:XX شەھىرى XX رايونى XX يېزىسى *-لىيەن **-نومۇر.ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى:XX شەھىرى XX رايونى XX يېزىسى *-لىيەن **-نومۇر.ئىلگىرى جازالانمىغان.2020-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى خەتەرلىك ئەھۋالدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش گۇمانى بىلەن ئاراتۆرۈك ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ،2020-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاراتۆرۈك ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئاراتۆرۈك ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار مXXنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن،مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن قانۇن بويىچە جاۋابكارغا مۇناسىۋەتلىك دەۋا ھوقوقىنى يەتكۈزدۇق ھەمدە قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،پۈتۈن دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردۇق.مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىچە جىنايى پاكىتلىرى بارلىقىنى ئېنىقلىدى:
2019-يىلى12-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 20:00لار ئەتراپىدا،جاۋاپكار مXX XX ناھىيە XX يېزىسى XX كەنتىدە بXX ئۈيىدە بXX،قXX قاتارلىقلار بىلەن 12-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 5:00لەر ئەتىراپىغىچە ھاراق ئىچكەن،سائەت 10:00لار ئەتىراپىدا مېلىنى باقىدىغان ئادەم تاپماقچى بولۇپ سXXنىڭ ئۈيىگە بارغان ۋە سXX بىلەن پXXنىڭ ئۈيىگە بېرىپ ئۇ جايدا 2-3رومكا ھاراق ئىچىپ پXXنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ ئاق رەڭلىك ياگىر ماركىلىق新LXXXXنومۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ XX ناھىيە XX يېزىسى XX كەنىت تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن تۇتۇلۇپ XX يېزىلىق قاتناش ساقچىلار ئوتتۇرا ئەتىرىتىنىڭ ساقچىلىرى نەق مەيدانغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ تەكشۈرۈپ جاۋاپكار مXXنى نېرىنكىر يېزىلىق دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قان ئېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ【2020】10-نومۇرلۇق بېكىتىشنامىسىدا:«جاۋاپكار مXX ھەر يۈز مىللىلېتىر قېنىنىڭ تەركىۋىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 182مىللىگىرام»دەپ يەكۈن چىقارغان.
يوقىرىقى پاكىتلارنى بېكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلادىن گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىقى،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ باھالاشنامىسى قاتارلىقلار بار بولۇپ دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق،پاكىتنى بېكىتىشكە بولىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە:
جاۋابكار مXXنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپ قىلىپ،ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ 1-بەلگىلىمىسىدە بەلگىلەنگەن خەتەرلىك ئەھۋالدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ،تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا،جاۋاپكار مXX ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ جازالاش گۇۋاھنامىسىگە ئىمزا قويدى،بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل–ئىسپاتلىرى تولۇق،پاكىتنى بېكىتىشكە بولىدۇ.شۇڭا جاۋابكار مXXنى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە سوتىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق،قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلشىڭىزلارنى سورايمىز.
دەپ:
ئاراتۆرۈك ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش:ئايشەمگۈل پازىل
2020-يىلى9-ئاينىڭ 30-كۈنى
قوشۇمچە:
1جاۋابكار مXX ھازىر ئائىلىسىنىڭ كېپىللىكىدە ئالاقىلىشىش نومۇرى: 180******
2.دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى بىرگە ئۆتكۈزىلدى.
3.ج خ ئىككى توپلام دېلو ماتېرىيالى بىرگە ئۆتكۈزىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论