شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى چەرچەن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلەشنامىسى
چ ت جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش(2020)223- نۇمۇر
جاۋاپكار مە***،ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرۇى: **********65282519،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان، ئەسلى يۇرتى چەرچەن ناھىيىسىدىن، كېپىلگە بىرىشتىن ئىلگىرى چەرچەن ناھىيە*** يېزا *** كەنتى**-گۇرۇپپا **-نۇمۇر، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۇنى چەرچەن ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بىرىلگەن. 2020- يىلى 12-ئاينىڭ9-كۈنى مەھكىمىمىىز تەرىپىدىن كېپىلگە بىرىلگەن، بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان.
جاۋاپكار مە***ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەۋپلىك ھەيدەش، جىنايەت دىلوسىنى چەرچەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020 –يىلى 12– ئاينىڭ9-كۈنى مەھكىممىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، بىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن،قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۇك ئىچىدە بىجىرىشكە تىگىشلىك قانۇن ھۆججەتلەرنى بىجىردۇق،جاۋاپكارغا ئۈچ كۈن ئىچىدە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ئۇختۇرۇشىنى يەتكۇزدۇق، ج خ دىلو ئارخىۋىنى كۆرۇپ چىقتۇق، جاۋاپكارنىڭ ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ،قانۇن بۇيىچە سۇراق قىلدۇق، تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۇۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتىنىڭ راسلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق.
جاۋاپكار مە*** 2020-يىلى 07-ئاينىڭ05 – كۇنى سائەت 21:05لار ئەتراپىدا، چەرچەن ناھىيە بازىرى ***يۇلىدىكى ***مېھمانخانىسنىڭ يېنىدىكى «نۇرباغ ئاشخانىسى»دا دوستلىرى ئا***، تۇ***نى قاتارلىقلار بىلەن بىللە تاماق يىگەچ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، ھاراق سورۇندىن قايتىپ چىقىپ، شۇ ئاشخانىنىڭ ئالدىدا توختۇتۇپ قۇيۇلغان باشقىلار نامىدىكى ***新M7J -نۇمۇرلۇق كىچىك ماشىننى ھەيدەپ،چەرچەن ناھىيە شەرقى مەدىنىيەت يولىدىكى شېخې دوختۇرخانىسنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ يول بولەكتە ۋەزىپە ئىجىرا قىلۋاتقان ،چەرچەن ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى كادىر-ساقچىلار تەرپىدىن ، ھاراق ئىچىپ مەس ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەنلىكى بايقىلىپ نەق مەيداندا تۇتۇلغان .
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزى [2020] 3492-نۇمۇرلوق زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنىدە: «جاۋاپكار مە***نىڭ ھەر 100مىللىتىر قان ئەۋرىشكىسى تەركىبىدە 216مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارى بار» دەپ باھالاش يەكۇنى چىقىرىلغان .
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، جاۋاپكار ئۆزلىرىمۇ ئىقرار.
يۇقارقى جىنايەت پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار توۋەندىكىچە:
دېلودىكى« قۇبۇل قىلغان دېلولارنى تىزىملاش جەدىۋېلى، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزى « [2020]3492-نۇمۇرلوق زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنى، نەخ مەيدان سۇرئىتى، چەرچەن ناھيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ قالغان، نەرسە تىزىملىكى، جاۋاپكارنىڭ نۇپۇس ئىسپاتى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئوزىنى ئاقلىشى» قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار بار.
مەھكىممىزنىڭ قارىشچە:
جاۋاپكار مە***نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئېچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ خەتەرلىك يول يۇرگەن قىلمىشىدىن«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133- ماددىسىنىڭ 1- تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق ،شۇڭا خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋاپكار جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغانلىقى ئۇچۇن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جاۋابكارغا2 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە0004 يۈەن شىتراف قۇيۇش جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىمىز. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .
چەرچەن ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: قەمبەرنىسا ئەمەت
مۇۋاققەت تەپتىش : رۇزى پولات
2020- يىلى 12- ئاينىڭ 14-كۇنى
ئەسكەرتىش : (1) جاۋاپكار مە***ئائىلىسىدە كېپىلدە ،(2) تەھقىقلەش ئارخىۋى بىر توپلام . (3) ئەيىبلەشنامە 16نۈسخا ( ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە)بىرگە يوللاندى. جازا ئولچەش تەكلىپى بىر نۇسقا . دەلىل- ئىسپات مۇندەرىجىسى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论