欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(麦某某危险驾驶案)

2021-09-25 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

 پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

 

           پىچان تەپتىش 1- بۆلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020) 612- نومۇرلۇق

پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

    جاۋابكار: مەXX، ئەر، ئۇيغۇر، **19- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 0832 ******65312919، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: ئۈرۈمچى شەھەر ** رايونى ** يولى **- نومۇر، ھازىر پىچان ناھىيە ** يېزا ** كەنت **- گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئامما، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2019- يىلى 9- ئاينىڭ 30- كۈنى پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بېرىلگەن، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 15- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن كىپىللىككە بېرىلگەن.

    پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار مەXXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 15- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكارغا جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا تېز كېسىم قىلىش تەرتىپىنى تەدبىقلاپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى.

    مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:

2019- يىلى 9- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 05 دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، جاۋابكار مەXX ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە، پىراۋىسىز ھالدا، 新C***** نومۇرلۇق، « ** » ماركىلىق، كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ يول يۈرۈپ، پىچان ناھىيە **بازار **كەنت كومىتىتى ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تۇتۇلغان.

شىنجاڭ خېڭجېڭ ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ ( 2019 ) 410- نومۇرلۇق ئەدلىيەلىك باھالاش پىكىرنامىسىنىڭ خۇلاسىسىدە: « مەXXنىڭ قىنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 220.5mg/100ml » دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. 

    يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:

1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 3. باھالاش يەكۈنى؛ 4. نەق مەيدان خاتىرە- سۈرەتلىرى؛ 5. ئۈن- سىن پلاستىنكىسى  قاتارلىقلار بار.

    يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار مەXXنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار مەXXنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش- ترانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن- نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ، مەست ھالەتتە، پىراۋىسىز ھالدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بىرى 1- تارماق 2- تۈرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار مەXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15- ماددىسى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 67- ماددىسىنىڭ 3- تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋابكار مەXXقا 3 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش، جىنايى جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش تەكلىپىنى بېرىپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن :

 تەپتىش: ئابدۇراخمان ئابدۇللا

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى

ئىزاھات :

1.جاۋاپكار مەXX ھازىر ئائىلىسىدە كېپىللىكتە، ئالاقىلىشىش تىلىفۇن نومۇرى: **** 1869028.

      2. دېلو ماتىرىيالى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلو ئارخىپى 2 توپلام، تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىبنامە 10 نۇسخا، ئۈن- سىن پىلاستىنكىسى 1 دانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top