欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(麦某某危险驾驶案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-22 尘埃 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕654号 

  ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ

  ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت جىنايى ئشىلار 1-بۈلۈم ئەيىبنامە (2020) 654-نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار م x، ئەر، ئۇيغۇر، x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى x، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى ئۈچتۇرپان ناھىيە x يېزا x كەنىت xمەھەللە x-نۇمۇر قورو، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.   

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت

جاۋابكار م x 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە دوستلىرى بىلەن بىللە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، 10-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەر سائەت 1:35 ئەتراپىدا 新xنومۇرلۇق xماشىنىنى ئۇچتۇرپان ناھىيە xلىنىيەدە ئۇچتۇرپان بازىرىغا قاراپ، مەست ھالەتتە ھەيدەپ مېڭىپ، xكىلومىتىر x مىتىرلىق جايغا كەلگەندە، يول بويىدا توختۇتۇپ قويۇلغان 新x-xنومۇرلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى سوقۇۋەتكەن، ھادىسە سادىر قىلغاندىن كېيىن تاكسى ماشىنىنى ھەيدەپ بېرىۋاتقان شوپۇر مۇxغا تېلىفۇن قىلىپ، «مەن ھادىسە سادىر قىلىپ قويدۇم، مەن ھاراق ئىچكەن ئىدىم، ماڭا ياردەم قىلىپ ماشىنىنى مەن ھەيدىگەن دېگەن بولسىڭىز» دەپ، نەق مەيداندىن ئايرىلىپ كەتكەن. 

يول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدا، ھادىسىدە م x تولۇق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، سx مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، دەپ ئايرىغان. 

ئەدلىيەلىك باھالاش پىكرىدە، م xنىڭ ھەر 100 مىللىتىر قېنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 130.47 مىللىگىرام دەپ بىكىتكەن. 

دېلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ۋە ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار م xنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىفورىت قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولغان، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك. جاۋابكارنىڭ قېنىدىن تەكشۈرۈپ چىقىلغان ئىسپىرىت مىقدارى، ھادىسە سادىر قىلغانلىقى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلىقى قاتارلىق تەرەپكە ئاساسەن جاۋابكارغا 3 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 6000 يۈەن شىتراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى. 

  تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ 

پۈتۈكچى: ئابدۇرۇسۇل ۋېلى 

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى، جىنايىتى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسقا يوللاندى. 

   

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top