شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش (2020) 265-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار مەxx، ئەر، ئۇيغۇر، 43 ياش، كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxx6529011977، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر xx يېزا xx- كەنىت xx- گۇرۇپ xx- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىل 6-ئاينىڭ 3-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىل 7-ئاينىڭ 21-كۈنى (2020) 681-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى، ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار جاۋابكار مەxx 2020-يىل 5- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 23:00 لار ئەتىراپىدا ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ئاقسۇ شەھەر xx ساقچىخانىسنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى پىراۋىسىز ھەيدەپ 20 مىتىر ھەيدىگەندىن كىيىن شۇ ئەتىراپتا چارلاش ئېلىپ بېرۋاتقان ساقچىلار كىلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا جاۋابكار مەxxدىن ھاراق ئىچىپ موتوسىكىلىت ھەيدىگەن دەپ گۇمانلىنىپ قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە، ئۇنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 121.30مىللىگرام(121.30 mg/100 ml) بۇلۇپ، مەس ھالەتتە پىراۋىسىز موتوسىكىلىت ھەيدىگەن .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار مەxxىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇللۇق، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋابكار مەxxنىڭ قىلىمىشى يەنە «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكار مەxxنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ھۈسەنجان موللىمىن
2020-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋابكار مەxx ئائىلىسىدە كىپىلدە. ئالاقىلىشىش نۇمۇرى : xxxx1529257 ، xxxxxx13579
2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论