欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(麦某某信用卡诈骗案)

2021-09-21 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

                     

                ئۈ ت ت 3-بۆلۈم ج ئە2020﹞35–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار مە**، ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ لوپ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6532241994، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم كەسپى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: شىنجاڭ لوپ ناھىيىسى ** بازىرى ** كەنتى **-نۇمۇر. دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-كۆكتاغ رايۇنى ** جەنۇبى يولى **-نۇمۇر ئىشچىلار ياتىقى. كىرىدىت كارتىسى ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار مە**نىڭ كىرىدىت كارتىسى ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2019-يىلى 10–ئاينىڭ 21-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكار مە** مەزكۇر دېلونى ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.  

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2019-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا، جاۋابكار مە** زىيانلانغۇچى ر**نىڭ ھېسابات نۇمۇرى ********62179988000 بولغان بىر دانە جۇڭگو پوچتا بانكىسىنىڭ پۇل ئامانەت كارتىسىنى تېپىۋالغاندىن كىيىن، ئىلگىرى ئۆزى بىلىۋالغان مەخپى نۇمۇرغا ئاساسەن، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى شەھىرىمىزنىڭ يېڭىشەھەر رايۇنى ** شەرقى يولىغا جايلاشقان جۇڭگو پوچتا بانكىسىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى ئارقىلىق، بۇ كارتىدىن 3300.00 يۈەن پۇل چىقىرىۋالغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى، جاۋابكار مە** يۇرتدېشى ئا**غا بۇ بانكا كارتىسىنىڭ ئۆزىنىڭ نامىدىكى كارتا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇ كارتا ۋە مەخپى نۇمۇرىنى ئا**غا بىرىپ، بۇ كارتىدىكى قالغان 10100.00 پۇلنى چىقىرىپ ئۆزىگە ئۈندىدار ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئا**جاۋابكار مە**ىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى ** يولىدىكى جۇڭگو پوچتا بانكىسىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن بۇ كارتىدىكى قالغان 10100.00 يۈەن پۇلنى چىقىرىپ، بۇ پۇلنى ئۈندىدار ۋە جىفۇباۋ ئارقىلىق جاۋابكار مە**غا ئاغدۇرۇپ بەرگەن. 

جاۋابكار مە** 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى تەھقىقلىگۈچى ئورگان تەرىپىدىن تېلىفۇن قىلىپ چاقىرتىش ئارقىلىق تۇتۇلغان. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن، جاۋابكار مە** زىيانلانغۇچى ر**نىڭ زىيىنى ئۈچۈن 13400.00 يۈەن پۇل تۆلەپ بەرگەن.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: جاۋابكار مە**نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، تۇتۇلۇش(دېلوغا كىلىش) جەريانى ئىسپاتى، زىيانلانغۇچىنىڭ نامىدىكى دېلوغا چېتىشلىق جۇڭگو پوچتا بانكا ھېساباتىنىڭ دېلو يۈز بەرگەن مەزگىلدىكى كىرىم چىقىم خاتىرىسى قاتارلىقلار؛

2. زىيانلانغۇچى ر**نىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىرىيالى ۋە گەپ سوراش خاتىرىسى؛

3. گۇۋاھچى ئا**نىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛

4. جاۋابكار مە**ىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

5. دېلو يۈزلەشتۈرۈش خاتىرىسى ۋە سۆرەتلىرى؛

6. جاۋابكار مە** زىيانلانغۇچىنىڭ بانكا كارتىسىدىن پۇل ئالغان ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىنىڭ تىلىكامىرا خاتىرىسى؛

7. باشقا ئىسپات-ماتىرىياللار؛

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار مە**ىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

    مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار مە**نىڭ باشقىلارنىڭ نامىدىكى كىرىدىت كارتىسىنى سۈيئىستىمال قىلىپ ئىشلىتىپ، شەخسلەرنىڭ كۆپرەك سوممىدىكى پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 196–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، كىرىدىت كارتىسى ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

  تەپتىش: پاتىگۈل تۇرسۇن

                            تەپتىش ياردەمچىسى: مەمەت توختى

2020–يىلى 11–ئاينىڭ 23–كۈنى

ئەسكەرتىش:

1. جاۋابكار مە** بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن

2. مەھكىمىمىزنىڭ سەككىز نۇسخا ئەيىبنامىسى ۋە تەھقىقلەش دىلو ماتىرىيالى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.

3. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى(ئەسلى نۇسخسى)دىن بىر نۇسخا، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش پىكىرنامىسىدىن بىر نۇسخا ۋە جازا ئۆلچەش پىكرىدىن ئىككى نۇسخا بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top