温宿县人民检察院
起 诉 书
温宿县检一部刑诉〔2020〕494号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش (2020) 304-نۇمۇرلۇق
جىنايەت گۇماندارى مەXX، ئەر، XX19 -يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نۇمۇرى: XXXXXXXXX65290119 ، ئۇيغۇر، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دىھقان، XXناھيە XXبازار XXكەنىت XX-گۇرۇپ XX- نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسى سادىر قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
توXX، ئەر، ئۇيغۇر، 50 ياش، شىنجاڭ XXناھىيە XXبازار XXكەنىت XX-مەھەللە XX-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ھادىسىدە ئۆلۈپ كەتكۈچى.
تاXX، ئەر، ئۇيغۇر، 36 ياش، شىنجاڭ XXناھيە XXبازار XXكەنىت XX-مەھەللە XX-نۇمۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق، ھادىسىدە زەخملەنگەن.
ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى بۇ دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار مەXXنى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، زىيانلانغۇچنىڭ ئائىلە تاۋاباتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلودا ئاددى تەرتىپى قوللۇنۇشقا قۇشۇلىدۇ.
تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار مەXX 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 02 دىن 30 مىنۇتلار ئەتىراپىدا، مەست ھالەتتە، پىراۋسىز 新NW3XXX نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتۇسىكلىتنى ھەيدەپ شەرىقتىن غەرىب يۆلىنشتە يول يۈرۈپ، XXناھيە XXبازار XXكەنىت XX-مەھەللە يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ئالدى تەرەپتە ئۆزى بىلەن ئوخشاش يۆنلىشتە پىيادە يول يۈرۋاتقان توXX بىلەن تاXXكە سوقۇلۇپ كەتكەن. نەتىنجىدە تاXX زەخملەنگەن (1-دەرىجىلىك يىنىك زەخمە)، توXX زەخمىلىنىپ، دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. يول قاتناش ھادىسى كىلىپ چىققان. ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن جاۋابكار مەXX نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن. باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار مەXXنىڭ ۋىنا قېنىدىكى ئىسپىرتنىڭ مىقدارى بولسا mg/100ml98.92 بولۇپ چىققان. ھادىسىدە جاۋابكار مەXXكە بارلىق مەسئۇلىيەت بىكتىلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار مەXXنىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىى ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ 2-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايتى شەكىلىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق ھەم راست. جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر. جاۋاپكار مەXXنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى. شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۇن جاۋاپكار مەXXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: خالمۇرات ئىسلام
پۈتۈكچى: تاھىر تۇنياز
2020-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىبى، بىرنۇسخا جىنايىتنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى، بىر نۇسخا ئاددىي تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، 1 توپلام ج خ دېلو ئارخىبى بىرگەيەتكۈزۈلدى.
(2) جاۋابكار مەXX ھازىر ئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论