欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(麦某某交通肇事案)

2021-09-21 尘埃 评论0

توقسۇن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

توقسۇن تەپتىش 1-بۆلۈم ئەيىبلەش ( 2020) 79–نومۇرلۇق

توقسۇن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار م ** ،ئەر،ئۇيغۇر،****-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:0091********653225، مەدەنيەت سەۋىيىسى :تولۇقسىز ئوتتۇرا، كەسپىي :شوپۇر، نوپوس تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ھازىرقى ئادرىسى :شىنجاڭ * ناھىيە ** بازار ** كەنت 415-نومۇر، بۇرۇن جازالانمىغان.

جاۋاپكار م **  قاتناش ۋەقەسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى بىلەن2019-يىلى 09-ئاينىڭ 18-كۈنى  توقسۇن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 2019-يىل 09-ئاينىڭ 23-كۈنى توقسۇن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بىرىلگەن.

تۇرپان يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچى ئەتىرىتى جاۋاپكار  م ** نىڭ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتى ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىنىڭ دەۋالاشقۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ  قانۇنىي ۋەكىللىرىگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايدىل تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردۇق،جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

 مەھكىمىمىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىكىتكەن جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە :

 -2019يىل 09-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 23 دىن 38 مىنۇت ئۆتكەندە، جاۋاپكار م** (新R*****) 新R*****پىرىتسىپ نومۇرلۇق «دۇڭفېڭ» ماركىلىق ئېغىر تىپلىق يېرىم پىرىتسىپلىق يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، ** يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى بويلاپ شەرقتىن غەرىپكە قاراپ يۈرۈپ G30-3474 كىلومېتىر+134 مېتىرلىق( ** ھەق ئېلىش پونكىتى ئۆزگىرىشچان ئاپتوموبىل يولى ئىچىدە) جايغا كەلگەندە مەشغۇلات توغرا بولمىغانلىقتىن ئالدى تەرەپتىكى تەڭ يۆنىلىشتە ھەق ئېلىش پونكىتى يولى ئىچىدە توختاپ ئۆچىرەت تۇرۇپ ھەق تۆلەشنى كۈتۈۋاتقان ل** ھەيدىگەن 新A***** نومۇرلۇق (ۋاقىتلىق يول يۈرۈش نومۇر تاختىسى بار، قاتناش ۋاسىتىلىرىنى پەرقلەندۈرۈش كودى: ********موتور نومۇرى*****) «چاڭئەن » ماركىلىق يېنىك تىپتىكى ئادەتتىكى يۈك ئاپتوموبىلىنى سوقۇپ، 新A***** ) ۋاقىتلىق يول يۈرۈش نومۇر تاختىسى بار، قاتناش ۋاسىتىلىرىنى پەرقلەندۈرۈش كودى: LSCAB3351KE***** موتور نومۇرى1943****2 ،**** ماركىلىق يېنىك تىپتىكى ئادەتتىكى يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن ئالدى تەرەپتىكى ئوخشاش يۆنىلىشتىكى ھەق ئېلىش يولىدىكى خ** ھەيدىگەن 新A***** نومۇرلۇق «***» ماركىلىق كىچىك تىپتىكى پىكاپ ئۆزئارا سوقۇلۇپ، ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ ليۇ** ھەيدىگەن 新A***** نومۇرلۇق (ۋاقىتلىق يول يۈرۈش نومۇر تاختىسى بار، قاتناش ۋاسىتىلىرىنى پەرقلەندۈرۈش كودى: LSCAB3351KE****موتور نومۇرى1943****) «***» ماركىلىق يېنىك تىپتىكى ئادەتتىكى يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ يان تەرەپ يۆنىلىشىدىكى ھەق ئېلىش يولى ئىچىدە پارچە پۇل ئالماشتۇرۇۋاتقان خ**نىڭ يارىلىنىشى، توقسۇن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى 120 ئەترىتى نەق مەيداندا جىددىي قۇتقۇزغان بولسىمۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كېتىشى، ئۈچ ئاپتوموبىلنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلۇشى، بىر ئادەمنىڭ ئۈلۈشىدەك قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 

يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار :

دېلو قوبۇل قىلىش جەدىۋىلى، دىلو تۇرغۇزۇش قارارى ،نوپوس ئىسپاتلىقى ،دىلو پاش بۇلۇش جەريانى قاتارلىق يازما ئىسپاتلار،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، ئەدىليىلىك باھالاش پىكىرنامىسى ،نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرسى، نەق مەيدان سۆرەتلىرى قاتارلىقلار .

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار م ** نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە:جاۋاپكار م ** نىڭ قىلمىشىدىن« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ -133ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق ،دەلىل-ئىسپاتلىرى راست ھەم تۇلۇق،جاۋابكارنى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بۇيىچە جازالاشقا تېگىشلىك،جاۋاپكار جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ،شۇڭا»جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسىنى تەدبىقلاشقا تىگىشلىك بۇلۇپ، مۇددەتلىك 1 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ 1 يىل 6 ئاي كېچىكتۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمىز، شۇڭا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ -176،214-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر   .

ھۆرمەت بىلەن :   

                      تەپتىش: ھەكىمە ئەرشىدىن

                            2020- يىلى6-ئاينىڭ11-كۈنى  

قوشۇمچە:

1.جاۋاپكار م **  ئائىلىسىدە كېپىلدە؛

.2دىلو توپلىمى 3 توپلام،پىلاستىنكا 2 دانە؛

.3«جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» 1 نۇسخا؛

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top