شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 88-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
1. جاۋابكار م**، ئەر، ئويغۇر،**ياش، ****-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 1093********652925، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ت** ناھىيسىدىن، ت**بازار گ**ئولتۇراق رايۇنى**-بىنا**-ئىشىك***-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى4-ئاينىڭ26-كۈنى توقسۇ ناھيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق قىلمىشى بىلەن مەمۇرى جەھەتتىن5 كۈن توختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2019-يىلى12-ئاينىڭ 5-كۈنى ئالدامچىلىق قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن، 2019-يىلى12-ئاينىڭ14-كۈنى جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇلغان ، 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 24- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان .
2. جاۋاپكار ر** ، ئايال ، ئويغۇر، ** ياش ، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 0026 ********652925، مۇقىم كەسپى يوق ، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيەسىگە ئىگە، ت** ناھىيىسىدىن، ت** ناھىيە بازىرى ش** ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا**- كۇرپۇس ***- ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى12- ئاينىڭ 5-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن .
جاۋابكار م** ، ر**لارنىڭ ئالدامچىلىق جىنايەت دېلوسىنى، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 28–نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارلارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكارلار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىقلاندى:
1. جاۋاپكار م** ، ر**لار 2019-يىلى12-ئاينىڭ1-كۈنى ئالدامچىلىق قىلىشنى مەسلىھەتلىشىپ، توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار يارقۇت تاللا بازىرىنىڭ ئارقىسىغا جايلاشقان« م** ئالتۇن دۇكىنى » غا كىرىپ، م**دىن 1935يۈەن قىممىتىدىكى 5.99 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر دانە ئالتۇن ئۈزۈكنى2000 يۈەنگە دىيىشىپ سېتۋالماقچى بولغاندىن كىيىن ، جاۋاپكار م** دۇكان ئىگىسى م**نى ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغا قۇشقان، ئاندىن ئۈندىدار چىقىمدانى ئىچىدىكى تۇققانلار كارتىسى(亲属 (卡دىگەن كۆزنەكتىن پايدىلنىپ، 2000 يۈەن دەپ سان كۈرۈندىغان لىكىن ئۈندىدار ھەميانى ھەم بانكا كارتىسىغا چۈشمەيدىغان مەۋھۇم پۇلنى يوللاپ بىرىپ، ئالتۇن ئۈزۈكنى ئالداپ ئېلىپ چىقىپ كىتىپ ، توقسۇ بازىرى« ئالتۇن ياپراق ئالتۇن دۇكىنى »غا ئەكىرىپ 1855 يۈەنگە ساتقان. ئاندىن يۇقارقى 1855 يۈەننى جاۋاپكارلار بىرگە خەشلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن 1000 يۈەننى م** ئائىلىسىدىكىلەر زىيانلانغۇچى م**غا تۆلەپ بەرگەن .
2. جاۋاپكار م** بىلەن ر**لار بىرگە ئالدامچىلىق قىلىش مەقسىتىدە، 2019-يىلى12-ئاينىڭ4-كۈنى سائەت 14 دە، توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار قۇرلۇش يۇلىغا جايلاشقان«يېڭى دەۋىر ئالتۇن دۇكىنى» غا كىرىپ ز**تىن 2690.59 يۈەن قىممىتىدىكى 8.33 گىرام ئېغىرلىقتىكى ئىككى دانە ئالتۇن ئۈزۈكنى3040 يۈەنگە دىيىشىپ ، جاۋاپكار م** دۇكان ئىگىسى ز**نى ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغا قوشقاندىن كىيىن، ئۈندىدار چىقىمدانى ئىچىدىكى تۇققانلار كارتىسى((亲属卡دىگەن كۆزنەكتىن پايدىلنىپ،3000 يۈەن دەپ سان كۈرۈندىغان لىكىن ئۈندىدار ھەميانى ھەم بانكا كارتىسىغا چۈشمەيدىغان مەۋھۇم پۇلنى يوللاپ بىرىپ، قالغان 40 يۈەننى نەق بىرىپ 3000 يۈەن قىممىتىدىكى ئىككى دانە ئالتۇن ئۈزۈكنى ئالداپ ئېلىپ چىقىپ، توقسۇ بازىرى ق**ئالتۇن دۇكىنىغا ئەكىرىپ 2625 يۈەنگە ساتقان. ئاندىن جاۋاپكارلار يۇقارقى 2625 يۈەننى پۇلنى بىرگە خەشلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن 1000 يۈەن پۇل رائىلەم قۇرباندىن تۇتۇپ قېلىنىپ ق**كە قايتۇرۇلغان . 812 يۈەننى م** ئائىلىسىدىكىلەر ق**كە تۆلەپ بەرگەن .
3. جاۋاپكار م**، ر**(كېپىلىلىك مەزگىلىدە)لار 2019-يىلى12-ئاينىڭ12-كۈنى سائەت 21 دە بىرگە، توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار ئىسلاھات يۇلىغا جايلاشقان«قاپلان كىيىم –كېچەك دۇكىنى»غا كىرىپ، ئا**دىن 287 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە خۇرۇم چاپاننى250 يۈەنگە دىيىشىپ، جاۋاپكار م** ر**نىڭ يان تىلفۇننى ئىشلىتىپ ، دۇكان ئىگىسى ئا**نى ر**نىڭ ئۈندىدارىغا قوشقاندىن كىيىن، ئۈندىدار چىقىمدانى ئىچىدىكى تۇققانلار كارتىسى((亲属卡دىگەن كۆزنەكتىن پايدىلنىپ، 250 يۈەن دەپ سان كۈرۈندىغان لىكىن ئۈندىدار ھەميانى ھەم بانكا كارتىسىغا چۈشمەيدىغان مەۋھۇم پۇلنى يوللاپ بىرىپ، 250 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە خۇرۇم چاپاننى ئالداپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن . دىلو پاش بولغاندىن خۇرۇم چاپان م**دىن تۇتۇپ قېلىنىپ زىيانلانغۇچى ئا**غا قايتۇرۇلغان .
4. جاۋاپكار ر** ئالدامچىلىق قىلىش مەقسىتىدە ، 2019- يىلى 12-ئاينىڭ 13- كۈنى سائەت 16 لەر ئەتراپىدا توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار جۇڭتىيەن مەيدانىغا جايلاشقان 204- نۇمۇرلۇق ئاياللار ئىچ كىيمى ساتىدىغان دۇكانغا كىرىپ ، دۇكان ئىگىسى گ**كە 300 يۈەن قىزىل بولاق ئېتىپ بەرسەم ، ماڭا نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز دەپ جاۋاپكار ر** گ**نى ئۈزىنىڭ ئۈندىدارىغا قوشقاندىن كىيىن ، ئۈندىدار چىقىمدانى ئىچىدىكى تۇققانلار كارتىسى((亲属卡دىگەن كۆزنەكتىن پايدىلنىپ ، 300 يۈەن دەپ سان كۈرۈندىغان لىكىن ئۈندىدار ھەميانى ھەم بانكا كارتىسىغا چۈشمەيدىغان مەۋھۇم پۇلنى يوللاپ بىرىپ، 300 يۈەن نەق پۇلنى ئالداپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن . دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن .
ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا : جاۋاپكار م** 2019- يىلى 12-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 12- كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە جەمئى 3 قېتىمدا ، جاۋاپكار ر**بىلەن بىرلىشىپ باشقىلارنىڭ 4912.59 يۈەن قىممىتىدىكى مال مۈلۈكىنى ئالداپ كەتكەن بۇلۇپ بۇنىڭدىن2099 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلگەن . 2813.59 يۈەن ئەسلىگە كەلمىگەن .
جاۋاپكار ر** 2019- يىلى 12-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 13- كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ، جاۋاپكار م** بىلەن بىرلىشىپ 3 قېتىمدا باشقىلارنىڭ 4912.59 يۈەن قىممىتىدىكى مال مۈلۈكىنى، ئۈزى يالغۇز بىر قېتىمدا باشقىلارنىڭ 300 يۈەن نەق پۇلنى بۇلۇپ جەمئى 4 قېتىمدا باشقىلارنىڭ9 5212.5 يۈەن قىممىتىدىكى مال - مۈلۈكىنى ئالداپ كەتكەن بۇلۇپ دىلو پاش بولغاندىن كىيىن 1000يۈەن ئەسلىگە كەلگەن . 4212.59 يۈەن ئەسلىگە كەلمىگەن .
يوقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ، گۇۋاچىنىڭ گۇۋالىقى ، باھالاشنامە ، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش خاتىرسى ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل -ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ . جاۋاپكارلار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز، جاۋابكار م** ، ر**لارنىڭ قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەككىللىندۇ . جاۋابكار م**، ر**لارغا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 26625-- ماددىسىدىكى بەلگىلمىسى بۇيىچە، جىنايەت بىكىتىپ جازا بىرىشكە تېگىشلىك، جاۋاپكارلارغا 6 ئايدىن يۇقىرى 1 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، قۇشۇمچە 1000يۈەندىن 3000يۈەنگىچە ئىشتىراپ قۇيۇش جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى بىرىمىز، شوڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : مۇنىرە ئېلى
تەپتىش : ئەمەر ئەمەت
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
قۇشۇمچە : ① جاۋابكار م** ھازىر توقسۇ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقتا، ر** ئائىلىسىدە كېپىلدە . ② 2 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى .③ 15پارچە ئەيىپلەشنامە ، جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى ، 1 دانە پىلاستىنكا دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论