欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某·艾某某贩卖毒品)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۈ ش ت ت 1-※بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020)51–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار ئا** ئەر، ئۇيغۇر، 1991-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، سالاھىيەت كىملىك نومۇرى: ********6501021991، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى:**شەھەر **رايونى **يولى **-نۇمۇر **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 2 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ قوشۇمچە 60مىڭ يۇەن شىتراف قويۇلغان 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. بۇ قېتىم زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020 -يىلى 1-ئاينىڭ 24- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەڭرىتاغ رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەڭرىتاغ رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئادىل ئەمەتنىڭ زەھەر ئېلىپ-سېتىش دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز2020-يىلى 4–ئاينىڭ 3-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى .

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار ئا** 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 14لەر ئەتراپىدا **شەھىرى **رايونى **يولى **شەھەرچىسى **ئاپتۇموبىل زاپچاسلىرى دۇكىنى ئەتراپىدا باشقىلارغا بىر بولاق يېشىل دانىچە شەكىللىك يۇپراقسىمان زەھەر ناتاشانى100يۇەنگە ساتقان نەق مەيداندا ج خ خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بۇيۇم باھالاش مەركىزىنىڭ [2020]040-نۇمۇر تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن 2020040-1 نۇمۇرلۇق ئەۋرشكە ماتىريالىدىن ADB-FUBINACA:AMB-FUBINACA:←5F-ADB تەركىبىنىڭ بارلىقى ئىنىقلاندى.

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى تىيانشان رايۇنى رۇيدا سودا سارىيى ئەتراپىدا باشقىلارغا زەھەر ساتقان نەق مەيداندا ياڭزىجاڭ يولى ساقچىخانىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: جاۋابكار ئا**نىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛

2. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى: گۇۋاھچى مە**نىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛

3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى: جاۋابكار ئا**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4. باھالاش پىكرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى؛

5. ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى: ئاختۇرۇش خاتىرىسى، دېلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بۇيۇمدىن ئەۋرىشكە ئېلىش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش خاتىرىسى؛

6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى، مۇناسىۋەتلىك سۆرەتلەر.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقىي بولۇپ،شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق ھەمدە ئۆزلىگىدىن جىنايىتىنى تونۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئا**نىڭ پايدا تېپىش مەقسىتىدە، باشقىلارغا زەھەرلىك بويۇم ساتقان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347–ماددىسىنىڭ 1-، 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن

تەپتىش ياردەمچىسى:مەردان ھۈسەنجان

2020–يىلى 4–ئاينىڭ 17-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1. جاۋابكار ئا** ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە:

2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش دېلو ماتىرىيالى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.

3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ۋە جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.

4.جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top