شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك ت جىنايى ئىشلار1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2020) 1037- نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار ئاx ، ئەر ، ئويغۇر ،**يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى********:* 6529231996 ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، دېھقان ، شىنجاڭ **** شەھىرىدىن ، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى: شىنجاڭ****ا شەھىرى ******** بازار ************ كەنىت****گورۇپپا ****نۇمۇرلۇق قورو ، ئىلگىرى جازالانمىغان .
2020-يىلى 05–ئاينىڭ 20-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن كۇچا ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىلگە بېرىلگەن ، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە .
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 520-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار ئاxىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايى دىلوسىنى 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق ۋە جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۋوكاتىنىڭ پىكرىنى ئالدۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا تېز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى. دىلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :
جاۋابكار ئا*******x-يىلى**-ئاينىڭ *********كۈنى سائەت 16:00 ئەتراپىدا **** ناھىيە ******* بازار *******-كەنىت تەۋەلىكىدىكى ئاشخانىدا ئاغىنىسى ئەxبىلەن ھاراق ئىچكەندىن كىيىن سائەت 22:40 ئەتراپىدا ئاشخانننىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان ئۆزىنىڭ نامىدىكى 新N******لۇق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنى مەسىت پىراۋىسىز ھەيدەپ ******** بازار *******-كەنىت تەۋەلىكىدە ماڭغاندا شۇيولدا چارلاش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن تۇتۇلغان .
شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسىدە، ئالىم ئابدۇنىڭ ۋىنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقتارى/100ml mg166 دەپ باھالاپ بېكىتكەن.*
يۇقارقى پاكىتىنى يازما ئىسپات ،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ، باھالاش پىكىرى ، ئېنىقلاپ-تەكشۈرۈش خاتىرسى ، سۈرەت قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
دىمەك ، جاۋابكار ئاxىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق ، دەلىل- ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق بېكىتىشكە بولىدۇ ,جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق ، ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ ، قاتناش- تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر ، راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، جاۋابكار ئاxغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددا 1-تارماق 2-تارماقچىسى ، 67- ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايەت بىكىتىپ جازا ئۆلچەپ ، «جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ئەنۋەر ئەخمەت
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 08-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1 .جاۋابكار ئاxئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە .
2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، تېز كېسىم تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى قۇبۇل قىلىش ئېتراپنامىسى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论