欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某谋危险驾驶案)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

 پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى

                                        پىچان تەپتىش 1-بۈلۈم ئە چىقىش (2020)652-نومۇرلۇق

پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار: ئاXX ، ئەر، ئۇيغۇر ،19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 2811******65210119، تۇرپان شەھەر **رايونى ** يېزا ** مەھەللىسى **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق،تۇلۇقسىز ئۇتتۇا مەكتەپ سەۋىيسىگە ئىگە، دىھقان ،ئىلگىرى جازالانمىغان، خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ 2020- يىلى 06- ئاينىڭ 28- كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 26- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن .

پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئاXXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى قاتارلىق بەھرىمان بولىدىغان ھوقوق- مەجبوريەتلېرىنى ئۇقتۇرۇپ ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق.

مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى: 

2020-يىلى05-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 20 دىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە ، جاۋاپكار ئاXX ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە، پىراۋىسىز ھالدا ، رەسمىيەتسىز، «**» ماركىلىق، ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى ھەيدەپ ، شەرىقتىن-غەرىپكە قاراپ يول يۈرۈپ، پىچان ناھىيە ** يېزا** مەھەللە **-گۇرۇپپا يول بۆلىكىگە كەلگەندە ، غەرىپتىن-شەرىققە قاراپ ماڭغان ۋاڭ XX ھەيدىگەن 豫D**** نۇمۇرلۇق، « **» ماركىلىق، كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ماشىنسى بىلەن ئۆز-ئارا سوقۇلغان، نەتىجىدە ھادىسىدە جاۋاپكار ئاXX ،موتوسىكىلىتتا ئولتۇرغۇچى ئاXX ئىككىسى يارلىنىپ قاتناش ۋاستىلېرى زىيانغا ئۇچراشتەك ئادەتتىكى قاتناش ھادىسىسنى سادىر قىلغان.مەزكور ھادىسىدە جاۋاپكار ئاXX پۈتۈن مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ . 

شىنجاڭ«خىڭجىڭ»ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2020] 99-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۇرۇش دۇكلاتنامىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا: جاۋاپكار ئاXXدىن ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى « mg/100ml165.1»دەپ يەكۇن چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: 

1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار ؛ 2.گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛ 3. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4. باھالاش يەكۈنلېرى؛ 5. نەق مەيدان خاتىرە، خەرىيتە، سۈرەتلېرى قاتارلىقلار بار.  

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ئاXXنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار ئاXXنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش-تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە، پىراۋىسىز ھالدا ،رەسمىيەتسىز ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرۈپ ئادەتتىكى قاتناش ھادىسى سادىر قىلغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىرى، 1-تارماق، 2-تۈرىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بولسا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش.

جاۋاپكار ئاXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن ، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئاXXقا بەش ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ،جىنايى جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ۋە قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش جازا  تەكلىپىنى بېرىدۇ.

جاۋاپكار ئاXXنىڭ خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن:

 

   تەپتىش: ئابدۇراخمان ئابدۇللا

2020- يىلى10- ئاينىڭ 21-كۈنى

ئىزاھات:    

   1. جاۋاپكار ئاXX ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە،تېلىفۇن نومۇرى: ****1310903

 2. ج خ دىلو ئارخىپى 2 توپلام، تەپتىش دىلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىپنامە 10 نۇسخا،ئۈن-سىن دېسكىسى بىردانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

3. «جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» بىر پارچە،دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top