欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某谋危险驾驶案)(公开版)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ساۋەن ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپلەش نامىسى

                 ساۋەن ناھىيىلىك تەپتىش ئەيىپلەش〔2020〕 15- نومۇر

  جاۋاپكار **، ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۇنى شىنجاڭ ساۋەن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 0016********654223، تولۇق كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ساۋەن ناھىيىلىك ** بازىرى ** يولى **-بينا **-كورپۇس **-نومۇرلۇق ئۆي، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ساۋەن ناھىيىلىك ** يولى ** ئولتۇراق رايونى **-بينا **-ەسىك **-نومۇرلۇق ئۆي، كەسپى: شىنجاڭ ** تاش يول باشقۇرۇش ئىدارىسى ** شۇبە ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى. 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۇنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى بىلەن ساۋەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن كىپىلگە بىرىلگەن.

 بۇندىن بۇرۇنقى قانۇنغا خىلاپ ھەركىتى يوق. 

 ساۋەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋاپكار **نىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن جاۋاپكار **قا ئۆزىنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىش ئېھتىمالىقىغا بولغان قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ قويۇپ، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ جاۋاپكار ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتچى ئادۇۋكاتىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ، بارلىق دېلو ماتېرياللىرىنى تەكشۇرۇپ ئاياقلاشتۇردۇق. جاۋاپكار ** دېلوغا تېز كېسىم قىلىش تەرتىپى بويىچە قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلاش ئارقىلىق: 

2019-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۇنى 23 تىن 20 مىنوت ئەتراپىدا، جاۋاپكار ** ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ 新G****7 نومۇرلۇق فىڭ تيەن ماركىلىق كىچىك تىپلىق ماشيننى ساۋەن ناھىيىلىك **دىكى شياۋبەن كاۋاپخانىسىنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقىپ، ساۋەن ناھىيىلىك ** يول بۆلىكىگە كەلگەندە، چارلاش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان. 

شىنجاڭ خۇا تۇڭ قاتىناش ھادىسىسى ماددىي ئىسپات ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزى ئەدىلىيەلىك باھالاش ئارقىلىق، جاۋاپكار **نىڭ ھەر يۇز مىلليلىتىر قان سۇيۇقلۇقىدا 118.29 مىلليگىرام ئاشلىق ئىسپىرتى بايقالغان دەپ باھالىغان.

يۇقارقى پاكىتلارنى: يازمىچە دەلىل-ئسپاتلار؛ گۇۋاھچى**نىڭ گۇۋاھلىقى؛ جاۋاپكار **نىڭ ئىقرارى؛ شينجاڭ خۇا تۇڭ ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ ئەدىلىيەلىك باھالاش پىكىرى؛ نەق مەيدان تەكشۇرۇش خاتىرىسى ۋە رەسىملىرى؛ ئۈن-سىن پىلاستىنكا ماتىرياللىرى قاتارلىق دەلىل-ئسپاتلار ئارقىلىق تۇراقلاندۇرۇشقا بولىدۇ.

يۇقارقى دەلىل- ئىسپات توپلاش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي بولۇپ، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى بېكىتىشكە يىتىدۇ. جاۋاپكار ** ئەيىپلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل- ئىسپاتقا قارتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋاپكار ** يول قاتناش باشقۇرۇش قانۇن- نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەسىت بولۇپ يولدا ماتورلۇق ئاپتوموبىل ھەيدىگەن بۇ ھەركىتى << جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى>> نىڭ 133- ماددا بۆلەك 1- تارماق 2- تۇرىگە خىلاپلىق قىلىپ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىنى شەكىللەندۇرگەن. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تولۇق. خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جاۋاپكار **نىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى سۇرۇشتۇرۇلۇش كېرەك. جاۋاپكار ** ئۆز جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلغان ئەھۋالىغا قاراپ يېنىك جازا ئۆلچەندى، شۇڭلاشقا جاۋاپكار **قا 1 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ 2 ئاي جازانى كېچىكتۇرۇش يەنە قوشۇمچە 2000 (ئىككى مىڭ يۇەن) شتراف بىرىش كېرەك دەپ پىكىر قىلىمىز، << جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن >> نىڭ 176- ماددا 1- تارمىقىغا ئاساسەن مەھكىمىڭلارغا ئەيىپلەشكە يوللىدۇق، قانۇن بويىچە جازالىشىڭلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن: 

شينجاڭ ساۋەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

  تەپتىش: ساۋلەت   

            

2020-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۇنى

قوشۇمچە :

  1) جاۋاپكار ** ھازىر جەمئىيەتتە، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ساۋەن ناھىيىلىك ** يولى ** ئولتۇراق رايونى **-بينا **-ەسىك **-نومۇرلۇق ئۆي ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نومۇرى: ********135؛

  2) ئىككى توم دېلو؛

    3) <<جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىش تىلخەت يازمىسى >>؛

  4) تۆت پارچە ئەيىپلەشنامە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top