شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
خوتەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامسى
خ ش ت 2-ب ئە (2021) **-نۇمۇرلۇق
خوتەن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار ئا**، ئەر ، ئۇيغۇر، 2000-يىلى **-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كىملىك نۇمۇرى: ********6532012000، خوتەن شەھەر لاسكۇي بازىرى ** كەنتى **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 03-ئاينىڭ 12-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن خوتەن شەھەرلىك ج خ ئدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.2021-يىلى1-ئاينىڭ 6-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن .
دىلونى خوتەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىس 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋاپكارنى سوراق قىلىپ، ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋېتىنى چۈشەندۇردۇق. جاۋاپكار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن، دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ قانۇنى ياردىمىدە «جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىش كېپىللىك خېتى»ئىمزالىدى. دېلونى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ تۆۋەندىكى جىنايى قىلمىشنىڭ راستلىقى ئىسپاتلاندى:
جاۋابكار ئا** 2020- يىلى 02-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 13:00 لەر ئەتراپىدا خوتەن شەھەر ** يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ ياردەمچى ساقچىلىقىدىن ئىستىپا بېرىش ئۈچۈن يازغان ئىستىپانامىنى, ** يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ سىياسى يىتەكچىسى م ** غا بەرگەن، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچ سائەت بېيجىڭ ۋاقتى 22:00 ئەتراپىدا جاۋابكار ئا ** ئۆزىنىڭ ئىشخانىسدىكى شەخسى بۇيۇملىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان ماتىرىياللارنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن ،دىلو ئىشلەش گۇرپپىسىنىڭ دىلو ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىش ئىشخانسىغا كىرىپ ، ماتىرىيال ساقلايدىغان ئىشكابنىڭ يېرىم ئۇچۇق ھالەتتە تۇرغانلىقىنى كۆرگەن، ئىشكاپنىڭ ئىچىدىكى قارا رەڭلىك سىليو خالتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قۇيۇلغان 4~5دانە يان تېلىفۇننى كۆرۈپ، ئىشخانىدا ئادەم يوق پۇرسەتدىن پايدىلىنىپ د ** نىڭ 5500يۈەن قىممىتىدىكى بىردانە ئاق رەڭلىك ئالما XMAX ماركىلىق يان تېلىفۇنى بىلەن ز ** نىڭ 3000يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە قارا رەڭلىك ئالما 8پىلۇس ماركىلىق يان تېلىفۇننى ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن.دىلو پاش بولغاندىن كېيىن ئوغۇرلانغان ئىككى دانە يان تېلىفۇن ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇلۇپ زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .
جاۋابكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ،نۇپۇس ئۇچۇرى، دېلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنى، نەق مەيدان تەكشۈرۈش دوكلاتى،نەخ مەيدان خەرىتىسى ۋە سۈرئىتى ،تۇتۇپ قېلىنغان بۇيۇملار تىزىملىكى، يان تېلېفون تاپشۇرۇۋالغان ھۆججەت ،قاتارلىقلار دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
جاۋاپكار ئا ** نىڭ باشقىلارنىڭ 8500 يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنى ئوغرىلىغان قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى«نىڭ 264-ماددىسىدىكى ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق بولۇپ، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. جاۋابكار ئا** مەھكىمىمىز بېكىتكەن جىنايەت پاكىتى ۋە جىنايەت نامىغا قارىتا پىكىرى يوق بولغاچقا، ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى ئېتراپ قىلىش پۈتۈكنامىسى ئىمزالىغانلىقى ئۈچۈن ،جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتراپ قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىشقا بولىدۇ دەپ قارايمىز، ھەمدە »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى«نىڭ -176ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇنى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: ئايىمنىسا ئابدۇللا
تەپتىش ياردەمچىسى: ئادىل مەمەت
خوتەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2021-يىلى1-ئاينىڭ 12-كۈنى
ئىزاھات:
(1)جاۋاپكار ئا ** ھازىركېپىلدە؛
(2)دېلو 1توپلام؛
(3)جازا ئۆلچەش تەكلىپى 1پارچە.
(4)جىنايىتىنى تونۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كېپىللىك خېتى 1پارچە.
和田市人民检察院
起 诉 书
和市检二部刑诉〔2021〕**号
被告人阿某,男性,2000年 **月 **日出生,居民身份证号码6532012000 ********,维吾尔族,初中文化程度,户籍所在地新疆维吾尔自治区和田地区和田市拉斯奎镇**村**号,因涉嫌盗窃罪,经和田市公安局决定,于2020年3月12日被和田市公安局取保候审。经我院决定,于2021年1月6日取保候审。
本案由和田市公安局侦查终结,以被告人阿某涉嫌盗窃罪,于2021年1月6日向本院移送起诉。本院受理后,已告知被告人及其法定代理人有权委托辩护人和认罪认罚可能导致的法律后果,依法讯问了被告人,听取了辩护人、被害人及其诉讼代理人的意见,审查了全部案件材料。补充侦查完毕移送起诉。
经依法审查查明:
2020年2月18日上午13:00左右,被告人阿某把辞掉**乡协警的辞职书提交给了派出所教导员麦某。在2020年2月22日晚上22点左右,被告人阿某在自己办公室收拾自己的个人物品并把该移交的文件材料移交完以后,在办案组案件情况讨论办公室中发现柜子里的一个塑料袋有4-5部手机,看到办公室没人就把迪某价值5500元的白色苹果手机和祖某价值3000元的黑色苹果手机偷走,破案后被盗手机以退还受害人。
认定上述事实的证据如下:
被告人供述,证人证言,户籍信息,鉴定书,扣押、发还物品清单,收条,现场检测报告等证据证明
本院认为,被告人阿某上述行为触犯了《中华人民共和国刑法》第二百六十四条之规定,犯罪事实清楚,证据确实、充分,应当以盗窃罪追究其刑事责任。犯罪嫌疑人对本我院指控的犯罪事实无异议,并签署认罪认罚具结书,可以依法从宽处理。根据《中华人民共和国刑事诉讼法》第一百七十六条的规定,提起公诉,请依法判处。
此致
和田市人民法院
检察官:阿依木泥沙阿不拉
检察官助理:阿地力麦麦提
2021年1月12日
(院印)
附件:1.被告人阿某现于取保候审。
2.案卷材料1册。
3.认罪认罚具结书1份。
4.量刑建议1份。
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论