تۇرپان شەھىرى
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئى ر ت 1-ب چىقىش (2020) 142 - نومۇرلۇق
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار ئا XX ،ئەر، ئۇيغۇر، 1983-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:6521011983********، نوپوسىدىكى ئادرىسى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنى: تۇرپان شەھرى ئىدىقۇت رايونى ** يولى** ئائىلىكلەر قوروسى **-نۇمۇر ،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئامما، يەككە تىجارەتچى. 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، تۇرپان شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن 3يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىپ،جىنايى جازاسى 5يىل كىچىكتۈرۈلگەن. ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتىگە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا كېپىللىككە بېرىلدى.
جاۋاپكار ئا XX ،ئەر، ئۇيغۇر،1991-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:6521221991********، نوپوسىدىكى ئادرىسى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ پىچان ناھىيە ** يېزىسى** كەنتى **-گۇرۇپپا **-نومۇر ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئامما، دېھقان. ئىلگىرى جازالانمىغان. ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتىگە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.
ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار ئا XX، ئا XXلارنىڭ ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايى دېلوسىنى تەھقىقلەش ۋە بىر قېتىملىق تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارلارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانون بويىچە سوراق قىلىپ، دىجۈرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق، جاۋاپكارلار ئادەتتىكى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز قانون بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە :
1. 2015-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى (چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مXX جاۋاپكار ئا XXتىن 900يۈەن يۇقۇرى ئۆسۈملىك قەرز ئالغان.بىر ئايلار ئۆتكەندىن كېيىن جاۋاپكار ئا XX زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مXXنى ئىدىقۇت رايونى ** يولى ** سودا سارىيىنىڭ 1-قەۋىتىدىكى ** خەۋەرلىشىشى دۇكىنىغا چاقىرىپ كېلىپ 1000يۈەن نەق پۇل ئالغان ھەمدە قالغان پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى تولۇق قايتۇرۇشقا قىستاپ تەھتىت سالغان.2015-يىلى 10-ئايلار مەزگىلىدە، جاۋاپكار ئا XX بىلەن ئاXX ئىككەيلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى م XXنى ئىدىقۇت رايونى يىڭى بېكەت تەرەپتىن ئىزدەپ تېپىپ ماشىنىغا سېلىپ يەنە ** خەۋەرلىشىش دۇكىنىغا ئەكىلۋېلىپ «3000يۈەن پۇل قەرزىڭنى بەرمىسەڭ دۇكاندىن كەتمە»دەپ يۇقۇرى ئۆسۈملىك قەر پۇلىنى سۈيلەپ تۇرغۇزۇپ قويغان،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى م XX ئامالسىز ئاپىسى رXXغا تېلفون ئۇرغاندىن كېيىن رXX جاۋاپكار ئا XXكە 3000يۈەن پۇلنى ئەكىلىپ بېرىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى م XXنى ئېلىپ كەتكەن.
2016-يىلى 7-ئايلار مەزگىلىدە (چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى م XX يەنە جاۋاپكار ئا XXتىن 1700يۈەن يۇقۇرى ئۆسۈملىك قەرز ئالغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى م XX يۇقۇرى ئۆسۈملىك قەرز پۇلىنى بېرەلمىگەچكە 2016-يىلى 10-ئايلار مەزگىلىدە جاۋاپكار ئاXX قول ئاستىدا ئىشلەيدىغان خXXنى ئېلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى م XXنىڭ ئۆيىگە بارغان ،ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى م XXگە تەھتىت سېلىپ «8000يۈەن پۇلنى بۈگۈن بېرىسەن ،بولمىسا قالغىنىنى ئۆزۈڭ بىلىۋالغىن»دەپ يۇقۇرى ئۆسۈملۈك قەرز پۇلىنى قايتۇرۇشقا قىستىغان،شۇ كۈنى م XX قورقۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن 2000يۈەن پۇلنى ** خەۋەرلىشىشى دۇكىنىدا جاۋاپكار ئا XXكە بەرگەن.جاۋاپكار ئا XX ئىزچىل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى م XXنى يۇقۇرى ئۆسۈملىك قەرز پۇلنى قايتۇرۇشقا قىستاپ تەھتىت سېلىپ تۇرغاچقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى م XX ئامالسىز يەنە ئاپىسى رXXغا ئەھۋالنى دىگەندىن كېيىن رXX، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى م XX ئىككەيلەن ** خەۋەرلىشى دۇكىنىنىڭ ئالدىدا 3000يۈەن پۇلنى جاۋاپكار ئا XXكە بەرگەن.
2. 2015-يىلى7-ئايلار مەزگىلىدە(چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXX جاۋاپكار ئا XXتىن 5000يۈەن يۇقۇرى ئۆسۈملىك قەرز ئالغان،10كۈنلەردىن كېيىن جاۋاپكار ئا XX زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXXقا پۇلنى قايتۇرۇشقا قىستىغاندىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXX جاۋاپكار ئا XXنى ئۆيىگە كېلىشنى ئېيتقان.جاۋاپكار ئا XX،ئا XX،خXX قاتارلىق ئۈچەيلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXXنىڭ ئىدىقۇت رايونى گۇاڭخۇي يولى بىييۈەنچۈن شىياڭشېلى ئولتۇراق رايونى بەشىنچى قەۋەتتىكى ئىجارىگە ئالغان ئۆيىگە بارغاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXX جاۋاپكار ئاXXكە 6000يۈەن پۇلنى بېرىمەن دىگەندە، جاۋاپكار ئا XXمەن بۈگۈن سەندىن 8000يۈەن پۇلنى ئالىمەن» دەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXXنى تىللاپ ،يۈز قىسىمىغا ئىككى شاپىلاق ئۇرغان،كەينىدىن جاۋاپكار ئا XXمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXXنى ئىككى شاپىلاق ئۇرغان،ئەXX قول ياندۇرماقچى بولغاندا جاۋاپكار ئا XX زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXXنىڭ چېچىنى تۇتۇپ يۈز قىسىمىغا ئىككىنى تەپكەندىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXXنىڭ بۇرنى قاناپ كەتكەن،كەينىدىن جاۋاپكار ئا XX ئەXXنىڭ يۈزىدىكى قانلارنى يۇيدۇرۋېتىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن.
يەنە بىر ئايلار ئۆتكەندىن كېيىن جاۋاپكار ئا XX زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXXنى ئىدىقۇت رايونى كونا شەھەر يولى ** سودا سارىيىنىڭ 1-قەۋىتىدىكى ئ** خەۋەرلىشىشى دۇكىنىغا چاقىرىپ كېلىپ مەجبورى ھالدا يۇقۇرى ئۆسۈملىك قەرزىگە ئۇدۇللاپ12000يۈەن(ئون ئىككى مىڭ يۈەن)گە قەرز ھۆججىتى يازدۇرۇپ دۇكاندا ئىشلەپ قەرزىڭنى تۈگەت دەپ ** خەۋەرلىشىش دۇكىنىدا تۇتۇپ قالغان،ئۈچ كۈندىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXXنىڭ ئاتىسى سXX،نەۋرە ئاكىسى مXX قاتارلىقلار ** خەۋەرلىشىشى دۇكىنغا كېلىپ جاۋاپكار ئا XXكە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXXنىڭ يۇقۇرى ئۆسۈملىك قەرز پۇلىغا ئۇدۇللاپ 12000يۈەن(ئون ئىككى مىڭ يۈەن) پۇل تۆلەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXXنى ئېلىپ كەتكەن.
3. 2016-يىلى1-ئايلار مەزگىلىدە(چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېXX جاۋاپكار ئا XXتىن 900يۈەن يۇقۇرى ئۆسۈملىك قەرز ئالغان،ھەمدە بىر ھەپتىدىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېXX ئىدىقۇت رايونى كونا شەھەر يولى ** سودا سارىيىنىڭ 1-قەۋىتىدىكى ** خەۋەرلىشىشى دۇكىنىنىڭ ئالدىدا جاۋاپكار ئا XXكە ئۆسۈمى بىلەن قوشۇپ1300يۈەن پۇل قايتۇرغان بولسىمۇ ئارىدىن يەنە ئون كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن جاۋاپكار ئا XX زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا تېلفون ئۇرۇپ « سېنىڭ 900يۈەن پۇلنىڭ ئۆسۈمى 4000يۈەن بولدى ھەممە پۇلنى بەرمىسەڭ ئاقىۋىتىڭنى ئۆزۈڭ بىلگىن »دەپ تەھتىت سالغاندىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېXX ئۆزىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچىرىشىدىن ئەنسىرەپ 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى، جاۋاپكار ئا XXنىڭ سودا-سانائەت بانكا كارتىسىغا 1000يۈەن پۇل ئۇرۇپ بەرگەن.
2016-يىلى07-ئايلار مەزگىلىدە، جاۋاپكار ئا XX،ئا XX،خXX،ئەXX قاتارلىقلارنى ئېلىپ ئىدىقۇت رايونى گۇۋاڭخۇي يولىدىكى ** كولۇبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېXXنى ئىزدەپ تېپىپ،ئېلىپ چىقىپ ماشىنىغا سېلىپ شەرقى ئايلانما يولىدىكى گاز قاچىلاش پونكىتىنىڭ شىمال تەرىپىگە ئېلىپ بارغان،ھەمدە شۇ يەردە جاۋاپكار ئا XX «900يۈەن پۇلنىڭ ئۆسۈمى 6000يۈەن پۇل بولدى ،ھەي ھېجىقىز پۇلنى قاچان قايتۇرىسەن» دەپ تىللاپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېXXنىڭ يۈزىگە تۆت بەش شاپىلاق ئۇرغان،جاۋاپكار ئا XXمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېXXنى «نىمە دەپ پۇلنى قايتۇرمايسەن »دەپ ئۈچ شاپلاق ئۇرغان،خXX بىلەن ئەXX ئىككەيلەن ياندا قاراپ تۇرۇپ بەرگەن.جاۋاپكار ئا XX زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېXXغا يۇقۇرى ئۆسۈملىك قەرز پۇلنى تۆلىتەلمىگەندىن كېيىن «بۈگۈن ماشىنىنىڭ ماي پۇلنى بولسىمۇ بېرىسەن،بولمىسا باشقا يەرگە بارمايسەن»دەپ پۇل تېپىشقا قىستىغان،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېXX قورقۇپ كەتكەچكە ئامالسىز ئىدىقۇت رايون ** بازار ** كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق دوستى پXXدىن 300يۈەن قەرز ئېلىپ جاۋاپكار ئا XXكە ماي پۇلى دەپ بەرگەندىن كېيىن جاۋاپكار ئا XX زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېXXنى قويۇپ بەرگەن.
2016-يىلى 9-ئايلار مەزگىلىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېXX ئىدىقۇت رايونى **يولى ** مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا جاۋاپكار ئا XX بىلەن ئا XX ئىككىسىگە ئۇچراپ قالغاندىن كېيىن «900يۈەن پۇلنىڭ ئۆسۈمى 15000يۈەن پۇلنى بۈگۈن بېرىسەن»دەپ يۇقۇرى ئۆسۈملىك قەر پۇلىنى قايتۇرۇشقا قىستىغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېXX پۇل تاپالمىغانلىقتىن جاۋاپكار ئا XX زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېXXنىڭ يۈزىگە ئىككى شاپىلاق ئۇرغان، جاۋاپكار ئا XXبىزنى يوۋاش كۆرىۋاتامسەن»دەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېXXنىڭ يۈزىگە يەتتە سەككىز شاپىلاق ئۇرغان،ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېXXنى ماشىنىسىغا سېلىپ تۇرپان شەھەر ئىچىدە ئايلاندۇرۇپ پۇل تېپىشقا قىستىغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېXX پۇل تاپالمىغاچقا جاۋاپكار ئا XX ئا XXنى ياتاقتا بىرگە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېXXغا قارانچۇق بولۇپ يېتىشقا ئورۇنلاشتۇرغان،جاۋاپكار ئا XX زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېXX ئاچقان ئىدىقۇت رايونى **يولىدىكى ل** ياتاقتا قارانچۇق بولۇپ ئۇخلاپ قالغان ۋاقىتتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېXX ئوغۇرلۇقچە ياتاقتىن قېچىپ چىقىپ كەتكەن.
2016-يىلى 10-ئايلار مەزگىلىدە جاۋاپكار ئا XX، ئا XX ۋە ئۆXX،ئەXX قاتارلىقلار ئىدىقۇت رايونى ** يۇلى ** KTVنىڭ ئاستىدىكى بېلىيارتخانىسىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېXXنى ئىزدەپ تېپىپ،ئېلىپ چىقىپ ماشىنىغا سېلىۋالغاندىن كېيىن،جاۋاپكار ئا XX يۇقۇرى ئۆسۈملىك قەرز پۇلىنى سۈيلەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېXXنىڭ كۆكرىكىگە بەش ئۇرغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېXX كۆكرىكىنى تۇتۇپ نەپەس ئالالماي ئولتۇرۇپ قالغاندا جاۋاپكار ئا XX«پۇلنى ئەتىگىچە بېرىۋەت»دەپ ئېXXنى ماشىنىدىن چۈشۈرۋەتكەن .
4. 2017-يىلى1-ئايلار مەزگىلىدە (چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXX جاۋاپكار ئا XXتىن 5000يۈەن يۇقۇرى ئۆسۈملىك قەرز ئالغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXX بۇ پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرەلمىگەندىن كېيىن جاۋاپكار ئا XX زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXXنىڭ دوستى بXXىڭ ماشىنىسىنى قانۇنسىز تۇتۇپ قالغان،ھەمدە 2017-يىلى7-ئايلار مەزگىلىدە(چېسلاسى ئېنىق ئەمەس)، جاۋاپكار ئا XX، ئا XX ئىككىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXX ۋە دوستى بXXنى غەربى ئايلانما يولى قان پونكىتىنىڭ كەينىدىكى جاۋاپكار ئا XXنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ يۇقۇرى ئۆسۈملىك قەرز پۇلىنى سۈيلەپ ئەXXغا «پۇلنى بەرمىسەڭ پۇتۇڭنى چېقىۋاتىمەن»دەپ تەھتىد سېلىپ، مەجبورى ھالدا 11000يۈەن(ئون بىر مىڭ يۈەن) گە قەرزدارلىق ھۆججىتى يازدۇرغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەXX ئامالسىز چوڭ ئاپىسى چىXX ئارقىلىق 11000يۈەن(ئون بىر مىڭ يۈەن) پۇلنى جاۋاپكار ئا XXكە تۆلىگەن.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن : يازما ئىسپاتلار؛ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى؛ جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى قاتارلىقلار بار.
جاۋاپكار ئا XXنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇيدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋابكار ئا XX، ئا XXلارنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز ھەق-تەلەپ ھوقوقىنى( يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز) يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، باشقىلارنى خالىغانچە ھاقارەتلىگەن، ئۇرغان قىلمىشىدىن ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋاپكار ئا XX جىنايى جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ سىناش مۇددىتى ئىچىدە قايتا يېڭى جىنايەت سادىر قىلغان. جاۋاپكار ئا XX جىنايىتىنى تونۇيدۇ، جىنايى جازانى قوبۇل قىلىدۇ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى »نىڭ 15-ماددىسنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تولۇق. جاۋابكار ئا XXنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» نىڭ 293-ماددىسى،25-ماددىسى، 26-ماددىسى، 77-ماددىلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە؛ جاۋابكار ئا XXنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» نىڭ 293-ماددىسى،25-ماددىسى، 27- ماددىلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. شۇڭا،جاۋابكارلارنى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى›› 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانون بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش : گۈلقىز زۇنۇن
ياردەمچى تەپتىش: ئايشەمگۈل پەتتار
2020-يىلى 8-ئاينىڭ9-كۈنى
قوشۇمچە:
1. جاۋاپكار ئا XX، ئا XXلار كېپىلدە.
2. دىلو ئارخبى ج خ ئارخىبى 3 توپلام، تەپتىش ئارخىبى 1 توپلام، ئەيىبنامىسى 32نۇسخا، جاۋاپكارلارنىڭ ئىقرارى ئېلىنغان ئۈن-سىن لېنتىسى قاتارلىقلار بىللە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论