ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت ت 1-※بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020)81–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئا**، ئەر، ئۇيغۇر، 1994-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، نوپوسى يوق، ساۋاتسىز، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، مۇقىم تۇرۇشلۇق ئورنى يوق. 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ 3مىڭ يۇەن شىتراف قويۇلغان.2014-يىلى 10-ئايىنىڭ 14-كۈنى مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. بۇ قىتىم ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى11-ئاينىڭ 20- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىزئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنشنى تەستىقلىغان. شۇ كۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
جاۋابكار ئابدۇرازاق ئارسلان، ئەر، ئۇيغۇر، 1994-يىلى -**ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، ،كىملىك نۇمۇرى: ********6501021994، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى:**شەھەر **رايونى **-قارار **-بىنا **-ئىشىك **-ئۆيدە. 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 6ئاي 15كۈنلۈك قاماق جازاسى بېرىلگەن. 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇددىتى توشاپ قويۇلغان. 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن 4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلگەن. 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 6ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. بۇقىتىم ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى11-ئاينىڭ 20- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىز ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنشنى تەستىقلىغان. شۇ كۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئا**،ئابدۇرازاق ئارسلانلارنىڭ ئوغىرلىق دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 4–ئاينىڭ 27-كۈنى قايتا قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكارلار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى . 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى دىلونى بىر قېتىم تولۇقلاشقا قايتۇردۇق.5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە 15كۇن بىر قېتىم ئۇزارتتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
1) 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 21لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ئا** ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە **شەھەر **رايۇنى ** ئولتۇراق رايۇنى **رايۇن ئالدىغا كەلگەندە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى چۇ **نىڭ دىققەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ، سومكىنىڭ ئىچىدىكى بىر دانە كۈمۈش 1180يۇەن قىممىتىدىكى رەڭلىك OVVIماركىلىق Y71A تىپلىق يانفوننى ئوغۇرلاپ سىتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. زاڭ مال قايتۇرۇپ كېلىنمىگەن.
2) 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 10كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 16لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ئا** ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە **شەھەر **رايۇن **ئۇنۋېرسىتىتى **يولى تەرەپتىكى پىيادىلەر يولىغا كەلگەندە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تى**نىڭ دىققەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئوڭ تەرەپ چاپان يانچۇقىدىن 4251يۇەن قىممىتىدىكى بىر دانە قارا رەڭلىك ئالما ماركىلىق XR تىپلىق يانفوننى ئوغۇرلاپ سىتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زاڭ مال قايتۇرۇپ كېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن.
3) 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 12لەردە، جاۋابكار ئا** ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە **شەھەر **رايۇنى **جەنۇبى يولى **-نۇمۇردىن ** كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى يىدىكى ئۈرۈمچى بانكىسىغا ماڭىدىغان يولدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جۇ**نىڭ دىققەتسىلىگىدىن پايدىلىنىپ، سومكىسىدىن 1300يۇەن پۇل ۋە ھەرخىل بانكا كارتىلىرى سېلىنغان بىر دانە قارا رەڭلىك پورتىمالنى ئوغۇرلاپ پورتىمالدىكى پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن،بانكا كارتىلىرى بىلەن پورتىمالنى تاشلىۋەتكەن.
4) جاۋابكار ئا**، ئابدۇرازاق ئارسلان 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 يېرىم ئەتراپىدا، **شەھەر **رايونى **يولى **-يول ئاپتوبۇس يولى بېكىتى يېنىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئە**نىڭ دىققەت قىلمىغان پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ ئوڭ تەرەپ چاپان يانچۇقىدىن 2020يۇەن قىممىتىدىكى بىر دانە oppo ماركىلىق R15تىپلىق قارا رەڭلىك قول تېلفۈن بىلەن vivo ماركىلىق 95y تىپلىق قارا رەڭلىك تېلفۈننى جاۋابكار ئا** ئوغىرلىغان،جىنايەت گۇماندارى ئابدۇرازاق ئارسلان كەينىدىن مېڭىپ ئادەمگە قاراپ بەرگەن.تېلفۇننى سېتىپ پۇلنى بۆلۇشۇپ خەجلەپ تۇگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زاڭ مال قايتۇرۇپ كېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن.
5) جاۋابكار ئا**، ئابدۇرازاق ئارسلانلار 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 لەر ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايونى خەلق يولى 44-يول ئاپتوبۇس يولى بېكىتى يېنىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ما شىياۋلېينىڭ دىققەت قىلمىغان پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ چاپان يانچۇقىدىن 1500يۇەن قىممتىدىكى بىر دانە ئالما 7-ئەۋلاد ئالتۇن رەڭلىك قول تېلفۈننى ئا** ئوغۇرلىغان،جاۋابكارئابدۇرازاق ئارسلان كەينىدىن مېڭىپ ئادەمگە قاراپ بەرگەن. ئوغىرلىغان قول تېلفۈننى ئابدۇرازاق ئارسلان ئۆيىگە ئاپىرىپ تىقىپ قويغان. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زاڭ مال قايتۇرۇپ كېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن.
جاۋابكار ئا** ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ جەمئى 5قېتىم ئوغىرلىق قىلغان بولۇپ ئوغىرلىغان زاڭ مال ۋە زاڭ پۇلنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 10251 يۇەن بولۇپ 7771يۇەم قىممىتىدىكى زاڭ مال قايتۇرۇپ كېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن. 2480يۇەن قىممىتىدىكى زاڭ مال ۋە زاڭ پۇل قايتۇرۇپ كېلىنمىگەن.
جاۋابكار ئابدۇرازاق ئارسلان باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ 2 قېتىم ئوغىرلىققا قاتناشقان بولۇپ ئوغىرلىغان 3 دانە تېلفۇننىڭ ئومۇمىي قىممىتى 3520يۇەن بولۇپ زاڭ مال قايتۇرۇپ كېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن.
جاۋابكار ئا** 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچى تىيانشان رايۇنى بەخت گۈللىكى ئولتۇراق رايۇنى ئىچىدىن سايباغ رايۇنلۇق جىنايى ئىشلار رازۋېتكا چوڭ ئەترىتى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ شۇ كۈنى تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ جاۋابكار يەنە داۋاملىق جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايونى بەخت يولىدىكى ماۋسەن ئاشخانىسىدىن جىنايى ئىشلار 4-ئەترىتى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
جاۋابكار ئابدۇرازاق ئارسلان2019-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايونى خېيجاسەن خېشى قوروسى 2-بىنا 3-ئىشىك 603-ئۆيدىن جىنايى ئىشلار 4-ئەترىتى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار ئا**،ئابدۇرازاق ئارسلانلارنىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛
2.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە گەپ سوراش خاتىرىسى؛
3. جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى: جاۋابكار ئا**،ئابدۇرازاق ئارسلانلارنىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4.دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنى ۋە ئۇقتۇرۇشنامىسى؛ 5.باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارلارنى تۇتۇش جەريانى،تۇتۇپ قېلىش ۋە قايتۇرۇش تالۇنى ،تونۇتۇش سۆرئەتلىرى؛
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقىي بولۇپ،شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.جاۋابكارلارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق ھەمدە ئۆزلىگىدىن جىنايىتىنى تونۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئا**،ئابدۇرازاق ئارسلانلارنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە خۇسۇسلارنىڭ كۆپرەك مىقتاردىكى پۇل ۋە مېلىنى يۇشۇرۇن ئوغىرلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئوغىرلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار ئابدۇرازاق ئارسلانغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسى ۋە 65-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچەجىنايى جازا بېرىشىڭىزلەر ئۈچۈن«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى:مەردان ھۈسەنجان
2020–يىلى 6–ئاينىڭ 3-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا:
2. 13 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش دېلو ماتىرىيالى 3 توپلام بىرگە يوللاندى.
3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ۋە جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.
4.جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论