شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
غۇلجا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
غ ن ت تەپتىش 2- بۆلۇم [ 2020 ] 105-نومۇرلۇق
جاۋابكار ئا**، ئەر ، ئۇيغۇر ، **- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نومىرى : 654121******4270 ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق ، نوپۇسى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى : ***يېزا ** كەنىت ** گۇرۇپپا . بۇرۇن جازالانمىغان . 2019- يىلى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى غ ن ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلىپ ،2019- يىلى 11- ئاينىڭ 14- كۈنى غ ن خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئالماسلىق قارارى چىقارغانلىقىنى ئۇچۇن ، 2019- يىلى 11- ئاينىڭ 15- كۈنى غ ن ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن . ھازىر سىرىتتا .
بۇ دېلونى غۇلجا ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ ، ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقىنى ، قىلمىشنى ئىقرار قىلىپ جازانى قوبۇل قىلغانلارنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇرۇپ ئۆتتۈق . دېلودا بار بولغان جىنايى پاكىتنى تەكشۇرۇپ كۆرۈپ، دېلو تەكشۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئىنىقلىشىمىزچە:
1. 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى جاۋابكار ئا**ھە*** 15442 دوللار سىتىۋالغان، بۇ دوللارنىڭ پۇلى ئۈچۈن ئا**ئۆزىنىڭ نامىدىكى 6228**3415 نۇمۇرلۇق يىزا-ئىگىلىك بانكىسىنىڭ كارتىسىدىن كارتىدىن كارتىغا يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق 100400يۈەن (يۈز مىڭ تۆت يۈز يۈەن) پۇلنى ھەر**نىڭ كارتىسىغا يۆتكەپ بەرگەن. 2013-يىلى1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئا** ھە**تىن 59329 دوللار سىتىۋالغان، بۇ دوللارنىڭ پۇلى ئۈچۈن ئا** ئۆزىنىڭ نامىدىكى 622849**415نۇمۇرلۇق يىزا-ئىگىلىك بانكىسىنىڭ كارتىسىدىن كارتىدىن كارتىغا يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق 372300يۈەن (ئۈچ يۈز يەتمىش ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز يۈەن) خەلق پۇلىنى ھە**نىڭ كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرگەن. 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ئا** ھە**تىن 4379 دوللار سىتىۋالغان، بۇ دوللارنىڭ پۇلى ئۈچۈن ئا** ئۆزىنىڭ نامىدىكى 6228**553415نۇمۇرلۇق يىزا-ئىگىلىك بانكىسىنىڭ كارتىسىدىن كارتىدىن كارتىغا يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق 27500يۈەن (يىگىرمە يەتتە مىڭ بەش يۈز يۈەن) پۇلنى ھە**نىڭ كارتىسىغا يۆتكەپ بەرگەن.
2. 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئا**ئا**دىن 5501 دوللار سىتىۋالغان، بۇ دوللارنىڭ پۇلى ئۈچۈن ئا**ئۆزىنىڭ نامىدىكى 622845*****316نۇمۇرلۇق يىزا-ئىگىلىك بانكا كارتىسىدىن كارتىدىن كارتىغا يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، 36646يۈەن (ئوتتۇز ئالتە مىڭ ئالتە يۈز قىرىق ئالتە يۈەن) پۇلنى ئاب**نىڭ بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بەرگەن.
3. 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئا**نۇ**تىن 10139 دوللار سىتىۋالغان، بۇ دوللارنىڭ پۇلى ئۈچۈن ئا** ئۆزىنىڭ 62284***415نۇمۇرلۇق يىزا-ئىگىلىك بانكا كارتىسىدىن كارتىدىن كارتىغا يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، 62000يۈەن (ئاتمىش ئىككى مىڭ يۈەن) خەلق پۇلىنى نۇ*نىڭ بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بەرگەن. 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ئا** نۇ**تىن 5027 دوللار سىتىۋالغان، بۇ دوللارنىڭ پۇلى ئا** ئۆزىنىڭ 62284**415نۇمۇرلۇق يىزا-ئىگىلىك بانكا كارتىسىدىن كارتىدىن كارتىغا يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، 32775يۈەن (ئوتتۇز ئىككى مىڭ يەتتە يۈز يەتمىش بەش يۈەن) خەلق پۇلىنى ن**نىڭ بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بەرگەن.
4. 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئا**يا**غا 37565 دوللار ساتقان، بۇ دوللارنىڭ پۇلىنى يا**ئۆزىنىڭ يىزا-ئىگىلىك بانكا كارتىسىدىن ئا**نىڭ 62284***09553415نۇمۇرلۇق يىزا-ئىگىلىك بانكا كارتىسىغا كارتىدىن كارتىغا پۇل يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق 235700يۈەن (ئىككى يۈز ئوتتۇز بەش مىڭ يەتتە يۈز يۈەن) خەلق پۇلىنى يۆتكەپ بەرگەن. 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئا**يا**غا 10985 دوللار ساتقان، بۇ دوللارنىڭ پۇلى ئۈچۈن يا** ئۆزىنىڭ يىزا ئىگىلىك بانكا كارتىسىدىن ئا**نىڭ 622**3415 نۇمۇرلۇق يىزا ئىگىلىك بانكا كارتىسىغا كارتىدىن كارتىغا يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق 68775يۈەن (ئاتمىش سەككىز مىڭ يەتتە يۈز يەتمىش بەش يۈەن) خەلق پۇلىنى يۆتكەپ بەرگەن.
5. 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئا**ئا**غا 9928 دوللار ساتقان، بۇ دوللارنىڭ پۇلىنى ئا**ئۆزىنىڭ 62284**415 نۇمۇرلۇق يىزا-ئىگىلىك بانكا كارتىسىدىن كارتىدىن كارتىغا پۇل يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق 61170يۈەن (ئاتمىش بىر مىڭ بىريۈز يەتمىش يۈەن) خەلق پۇلىنى ئا**نىڭ بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بەرگەن.
6. 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئا**مە** بىلەن 20612 قىممىتىدىكى دوللارنى ئالماشتۇرغان، بۇ دوللارنىڭ پۇلىنى ئا** ئۆزىنىڭ 62284**415 نۇمۇرلۇق يىزا ئىگىلىك بانكا كارتىسدىن پايدىلىنىپ كارتىدىن كارتىغا يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق 128226يۈەن (بىر يۈز يىگىرمە سەككىز مىڭ ئىككى يۈز يىگىرمە ئالتە يۈەن) پۇلنى يۆتكەپ بەرگەن.
7. 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئا**ئا**تىن 15031 دوللار سىتىۋالغان، بۇ دوللارنىڭ پۇلى ئۈچۈن ئا**ئۆزىنىڭ 622849***3415 نۇمۇرلۇق يىزا-ئىگىلىك بانكا كارتىسىدىن پايدىلىنىپ، كارتىدىن كارتىغا يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، 95700يۈەن (تۇقسەن بەش مىڭ يەتتە يۈز يۈەن) خەلق پۇلىنى ئا**نىڭ بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بەرگەن.
8. 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئا**تۇ**تىن 5723 دوللار سىتىۋالغان، بۇ دوللارنىڭ پۇلى ئۈچۈن ئا**ئۆزىنىڭ 62284***53415 نۇمۇرلۇق يىزا- ئىگىلىك بانكا كارتىسىدىن كارتىدىن كارتىغا يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، 37528يۈەن (ئۇتتۇز يەتتە مىڭ بەش يۈز يىگىرمە سەككىز يۈەن) خەلق پۇلىنى ت***نىڭ بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بەرگەن.
9. 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ئا**ئە**غا 6588 دوللار سىتىپ بەرگەن، بۇ دوللارنىڭ پۇلىنى ئە** ئۆزىنىڭ بانكا كارتىسىدىن ئا**انىڭ 1076**5966نۇمۇرلۇق جوڭگو بانكىسى بانكا كارتىسىغا كارتىدىن كارتىغا يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق 43000يۈەن (قىرىق ئۈچ مىڭ يۈەن) خەلق پۇلىنى يۆتكەپ بەرگەن.
10. 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئا**يا**تىن 15761 دوللارنى سىتىۋالغان، 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى ئا**يا**تىن 16701 دوللار سىتىۋالغان، يۇقارقى دوللارنىڭ پۇلى ئۈچۈن ئا**ئۆزىنىڭ 62284**53514 نۇمۇرلۇق يىزا-ئىگىلىك بانكا كارتىسىدىن كارتىدىن كارتىغا پۇل يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىككى قىتىمدا جەمئىي 205000يۈەن (ئىككى يۈز بەش مىڭ يۈەن) خەلق پۇلىنى يا**نىڭ بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بەرگەن.
11. 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ئا**ئو**دىن 8459دوللار سىتىۋىلىپ، بۇ دوللارنىڭ پۇلى ئۈچۈن ئا**ئۆزىنىڭ 622845**316نۇمۇرلۇق يىزا- ئىگىلىك بانكا كارتىسىدىن كارتىدىن كارتىغا يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، 55000يۈەن (ئەللىك بەش مىڭ يۈەن) خەلق پۇلىنى ئو**نىڭ بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بەرگەن. 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئا**ئو**دىن 27678دوللار سىتىۋىلىپ، بۇ دوللارنىڭ پۇلى ئۈچۈن ئا** ئۆزىنىڭ 622845**61316 نۇمۇرلۇق يىزا- ئىگىلىك بانكا كارتىسىدىن كارتىدىن كارتىغا يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، 173800يۈەن (بىر يۈز يەتمىش ئۈچ مىڭ سەككىز يۈز يۈەن) خەلق پۇلىنى ئو**نىڭ بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بەرگەن. 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى ئا**ئو**دىن 53808دوللار سىتىۋىلىپ، بۇ دوللارنىڭ پۇلى ئۈچۈن ئا**ئۆزىنىڭ 62284**553514 نۇمۇرلۇق يىزا- ئىگىلىك بانكا كارتىسىدىن كارتىدىن كارتىغا يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، 332100يۈەن (ئۈچ يۈز ئوتتۇز ئىككى مىڭ بىر يۈز يۈەن) خەلق پۇلىنى ئو**نىڭ بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بەرگەن. 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ئا**ئو**دىن 52904دوللار سىتىۋىلىپ، بۇ دوللارنىڭ پۇلى ئۈچۈن ئا**ئۆزىنىڭ 62284*****3514 نۇمۇرلۇق يىزا- ئىگىلىك بانكا كارتىسىدىن كارتىدىن كارتىغا يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، 326700يۈەن (ئۈچ يۈز يىگىرمە ئالتە مىڭ يەتتە يۈز يۈەن) خەلق پۇلىنى ئو**نىڭ بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بەرگەن.
12. 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى ئا**ئا**دىن 10832 دوللار سىتىۋالغان، بۇ دوللارنىڭ پۇلى ئۈچۈن ئا**ئۆزىنىڭ 6228**53514 نۇمۇرلۇق يىزا-ئىگىلىك بانكا كارتىسىدىن كارتىدىن كارتىغا يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق 67000يۈەن (ئاتمىش يەتتە مىڭ يۈەن) خەلق پۇلىنى ئا**نىڭ بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ بەرگەن.
13. 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئا**نى**دىن 4958 دوللارنى سىتىۋالغان، بۇ دوللارنىڭ پۇلى ئۈچۈن ئا** ئۆزىنىڭ 6228**53514 نۇمۇرلۇق يىزا- ئىگىلىك بانكا كارتىسىدىن كارتىدىن كارتىغا يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق نى**نىڭ بانكا كارتىسىغا 30625يۈەن (ئوتتۇز مىڭ ئالتە يۈز يىگىرمە بەش يۈەن) خەلق پۇلىنى يۆتكەپ بەرگەن.
يۇقارقىلارنى ئوموملاشتۇرغاندا ئا**2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە** شەھىرى ** مىھمانخانىسىدا دوللارچىلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ نامىدىكى6228**3415،62284**61316،62284**53514 نۇمۇرلۇق يىزا-ئىگىلىك بانكا كارتىسى، 1076**66 نۇمۇرلۇق جوڭگو بانكىسى كارتىسى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ جەمئىي 2307445يۈەن خەلق پۇلى يۆتكىگەن، بۇ خەلق پۇلىنى دوللارغا سۇندۇرۇپ ھىساپلىغاندا جەمئىي 397350 دوللار بولىدۇ.
يوقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات :
1. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ؛
1. ئىنىقلاش تەكشۇرۇش خاتىرىسى ؛
1. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى :
يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ ئېنىقلىنىشى قانۇنلۇق ، ئىسپاتلىماقچى بولغان مەزمۇننى ئوبىكتىپ - راسىت ، شىكايەت قىلغان قىلمىشنى بىكىتىشكە بولىدۇ .
جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت قىلمىشى ۋە دەلى- ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق ، جىنايىتىنى تونۇپ گۇناھىنى ئۇستىگە ئالىدۇ .
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ:
جاۋابكار ئا**دۆلەتنىڭ تاشقى پىرۋۇتنى باشقۇرۇش قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ ، جۇڭگۇ تاشقى پىرۋۇت بانكىسى ، جۇڭگۇ تاشقى پېرۋۇت سودا مەركىزى ۋە تارماق مەركىزىنىڭ سىرتىدا تاشقى پېرۋۇتنى ئېلىپ - سىتىپ ، بازار تەرتىۋىنى قالايمىقانلاشتۇرغان قانۇنسىز قىلمىشدىن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇن›› نىڭ 225-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولغان قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى شەككىللىنىدۇ . بۇ ھەقتە دىلۇنىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولوق ھەم راسىت. قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرلىشى كىرەك. جاۋابكار قىلمىشىغا تولۇق ئىقرار ، جىنايتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ ، شۇڭا جاۋابكار ئا**غا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇن›› نىڭ 225- ماددا ، 67-ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە مۇددەتلىك 1يىلدىن يۇقىرى 1يىل 6ئايدىن تۆۋەن قاماق جازاسى بىرىپ ،جازانى كىچىكتۇرۇشنى جاكارلىشىڭلارنى تەكلىپ قىلىپ ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار داۋا قانۇن›› نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا بىرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غۇلجا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۇنى
تەپتىش: ماھىرە رەخمەتجان
تەپتىش كاتىۋى : سىرىكگۇل قىزىرباي
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار كېپىلدە .
1. دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى بىلەن گۇۋاھچىلار تىزىملىكى قوشۇپ يوللاندى؛
1. 3 توپلام دېلو بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار كۆپەيتىلمىسى قوشۇپ يوللاندى
1. بىر نۇسقا كاپالەتنامە قوشۇپ يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论