欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某赌博案)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

 پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

 

                   پىچان تەپتىش 1-تارماق ئە چىقىش (2020)  ***-نومۇرلۇق

پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

      جاۋابكار :ئا**، ئەر، ئۇيغۇر، 19**- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 65212219*****2310، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: پىچان ناھىيە ** 4-ئەترەت 124- نومۇر، ئولتۇرۇشلۇق ئورۇن: پىچان ناھىيە** ئولتۇراق رايونى **- بىنا **- كورپۇس403-نومۇر؛ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، شوپۇر، ئالدامچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن، 2007- يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى  پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇدددەتلىك 2 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. قىمار ئويناش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019- يىلى 4- ئاينىڭ 20- كۈنى پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە تۇختىتىپ قويۇلۇپ، 2019- يىلى 5- ئاينىڭ 2- كۈنى  پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بىرىلگەن، 2020- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە قايتا كىپىللىككە بىرىلگەن.

      پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئا**نىڭ قىمار ئويناش جىنايىتى دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020 - يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى قاتارلىقلارنى ئۇقتۇردۇق. دىلو ئەھۋالى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغانلىقتىن تەكشۈرۈپ ئەيىپلەش سۈرۈكىنى 15 كۈن ئۇزارىتتۇق، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق.

      مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرىنى ئېنىقلاپ چىقتى:

1.2016- يىلى 11- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بىر كۈنى ئاخشىمى، جاۋاپكار ئا** پايدا تېپىش مەقسىتىدە، پىچان ناھىيە ** كەنت **-ئەترەتتىكى ئۆيىدە ، ر** (ئۆلۈپ كەتكەن)،ھ**، ئ**، غ**، تا**، گ** قاتارلىقلار بىلەن قەغەز قارتتا (زاجىنخۇا قىمارنىڭ بىر تۈرى)پۇل تىكىشىپ قىمار ئوينىغان، جاۋاپكار  ئا** قىمار ئوينىغۇچىلارنى سورۇن بىلەن  100 يۈەن پايدا ئالغان.

2.2016-يىلى 11- ئاينىڭ 23- ئاخشىمى،  جاۋاپكار ئا** پايدا تېپىش مەقسىتىدە، پىچان ناھىيە ** بازار **  كەنت 4-ئەترەتتىكى ئا**نىڭ ئۆيىدە قىمار سورۇنى تەشكىللەپ ئا**، ر**(ئۆلۈپ كەتكەن)،ھ**، ئا**، غ**، ئو**، تا** قاتارلىقلار بىلەن قەغەز قارتتا (زاجىنخۇا -قىمارنىڭ بىر تۈرى) پۇل تىكىشىپ قىمار ئوينىغان ، جاۋاپكار ئا** قىمار سورۇنىدا 9000 يۈەن جەزە تارقىتىپ، تەخمىنەن 20000 يۈەن چوتور پۇلى يىغقان.

3.2016-  يىلى 11- ئاينىڭ 27- ئاخشىمى جاۋاپكار ئا** پايدا تېپىش مەقسىتىدە، پىچان ناھىيە ** بازار ** كەنت 4-ئەترەتتىكى ئا**نىڭ ئۆيىدە قىمار سورۇنى تەشكىللەپ ئا**، ر**(ئۆلۈپ كەتكەن)،ھ**، ئا**، غا**، ئو** قاتارلىقلار بىلەن قەغەز قارتتا (زاجىنخۇا -قىمارنىڭ بىر تۈرى) پۇل تىكىشىپ قىمار ئوينىغان، جاۋاپكار ئا** قىمار سورۇنىدا 5000  يۈەن جەزە تارقىتىپ ، تەخمىنەن 28000 يۈەن چوتور پۇلى يىغقان .

       يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:

      1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛ 3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4. نەق- مەيدان تونۇتۇش خاتىرىسى؛ 5. ئۈن- سىن ماتىريالى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ئا** ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ. جاۋابكار تېز كىسىم چىقىرش تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلىدۇ.

مەھكىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئا** پايدا تىپىش مەقسىتىدە، باشقىلارنى قىمارغا تەشكىللەپ، قىمار سورۇنىدا 14000 يۈەن جەزە تارقىتىپ، قىمار سورۇنىدىن 48100 يۈەن چوتۇر يىغقان قىلمىشى »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 303- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن قىمار ئويناش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. 

جاۋاپكار ئا** جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15- ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددىسىنىڭ3- تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە  كەڭچىلىك بىلەن، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئا**غا  3 يىلدىن 5 يىلغىچە    مۇددەتلىك  قاماق جازاسى بېرىپ قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش جازا  تەكلىپىنى بېرىدۇ.

جاۋابكار ئا**نىڭ قىمار ئويناش دېلوسىنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن :

تەپتىش: نۇرسىمانگۈل مەمەتتۇرسۇن

2020-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى

ئىزاھات :

1.​ جاۋاپكار ئا** ھازىر  ئائىلىسىدە  كىپىللىكتە.

2. دېلو ماتىرىيالى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلو ئارخىپى 2  توپلام ،تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئارخىپى 1 توپلام ،ئەيىبنامە 18 نۇسخا، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخىتى بىر پارچە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top