شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
غۇلجا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
غ ن تەپتىش 1-جىنايى ئىشلار بۆلۈم ئەيىبلەش (2020) xx-نومۇرلوق
جاۋابكار:ئاxx، ئەر، ئۇيغۇر،21 ياش،19xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 654101xxxxxxxx كەسپى: يوق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنىxxشەھەر xx كوچا xx-نومۇر،ھازىرقى تۇرۇشلوق ئورنى:xx شەھەرxx بازىرى xxرايونxx-كورپۇس xx- ئۆي. 2018- يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى غۇلجا شەھەر ج خ ئىدارىسى خەنبىڭ ساقچىخانىسى تەرىپىدىن زەھەر چىكىش قىلمىشى بىلەن مەمۇرى جەھەتتىن 15 كۈن توختۇتۇلغان،2018- يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى غۇلجا شەھەر ج خ ئىدارىسى تاشكۆرۈك ساقچىخانىسى تەرىپىدىن زەھەر چىكىش قىلمىشى بىلەن مەمەۇرى جەھەتتىن 15 كۈن توختۇتۇلغان،2018- يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى زەھەر سىتىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن غ ن ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان،2018- يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى غ ن ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتى تەرىپىدىن زەھەر چىكىش قىلمىشى بىلەن ئىككى يىللىق مەجبۇرى ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش قارار قىلىنغان،2020- يىلى 9-ئاينىڭ 17 كۈنى غ ن ج ى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىش قارار قىلىنغان.
بۇ دېلونى غۇلجا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى11-ئاينىڭ12-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل پىرىنسىنى قوللىنىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق.قانۇن بويىچە جاۋابكارنى سوراق قىلدۇق.دېلودا بار بولغان جىنايى پاكىتنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ،دېلو تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە
جاۋاپكار ئاxx 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 16:30 دا غۇلجا شەھەر نىڭيۈەن كوچىسىغا جايلاشقان چۇدوۋ مىھمانخانىسىنىڭ 303-نومورلوق ياتىقىدا غۇلجا شەھەر دادامتۇ يىزا بۇلاق كەنت ئەزاسى پەxxغا ئاق رەڭلىك سۇلياۋغا ئورالغان بىر بولاق زەھەرلىك چىكىملىك مۇزسىمان زەھەرنى ئىككى مىڭ يۈەنگە ساتقان نەق مەيداندا غ ن ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتى كادىرلىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشكەن.مەزكۇر زەھەرلىك چىكىملىك مۇزسىمان زەھەرنى نەق مەيداندا ئۆلچەش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق ئومومى ئىغىرلىقى 0.96گىرام،ساپ ئىغىرلىقى 0.68گىرام ئىكەنلىگى ئىنىقلانغان.
ئىلى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش ئىشخانىسىنىڭ 2018-يىلى 900-نومورلوق زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاشنامىسىدا جاۋاپكار ئاxxباشقىلارغا ساتقان زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ تەركىۋىدە مۇزسىمان زەھەر بار دەپ باھالانغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشكە بولىدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1.يازما ئىسپات ؛
2.گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛
3.جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ؛
4.باھالاش پىكىرى؛
5.نەق مەيدان ئىنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى؛
6.ئۈن سىن پىلاستىنكىسى .
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ، جاۋابكار ئاxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى <<جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›>>نىڭ 347-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، زەھەر سىتىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. جاۋابكار دىلۇ پاش بولغاندىن كىيىن جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان بولۇپ، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا جاۋاپكار ئاxxقا <<جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى>>نىڭ 347-ماددا، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش پىرىنسىپى بويىچە 4 ئايدىن يۇقۇرى 6 ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىپ 1000 يۈەن شىتراف قويۇشۇڭلارنى سوراپ <<جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى>>نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا بىرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غۇلجا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: مۇكەررەم بەكرى.
تەپتىش :مىررزەكىم مىرجالال
2020-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
قوشۇمچە :
1. جاۋابكار ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن .ئالاقىلىشىش نومۇرى:138xxxxx.
2. 2. 8نۇسخا ئەيىبنامە،جازا ئۆلچەش تەكلىبنامىسى، دەلىل ئىسپات تېزىسى،ئۈن سىن ماتىريالى،ئىككى توپلام تەھقىقلەش دېلوسى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论